Uyghur主要词典
سانجى مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانجى شەھىرىدە بولۇپ، 1797 _ يىلىدىن 1820 _ يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان. 1875 _ يىلىدىن 1908 _ يىلىغىچە خېلى چوڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 4 مىڭ 400 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 900 كۋادرات مېتىر. ھويلا شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەرەب بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان. مەسچىت دەرۋازىسى خىش بىلەن قوپۇرۇلغان. دەرۋازا ئۈستىگە پەشتاق سېلىنغان. دەرۋازىنىڭ بېشىغا « جەننەت يولى »، ئىككى ياندىكى ئىشىكلەرنىڭ بېشىغا « پاك _ بۇلغانمىغان جاي »، « ئاللا بىردۇر » دېگەن سۆزلەر يېزىلغان. « قانائەتلىنىپ توختاپ قالغۇچى چاكىنا ئادەمدۇر »، دېگەن ھەدىسلەر ئەرەبچە ۋە خەنزۇچە يېزىلغان. نامازخانا ياغاچ جازا بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، مەسچىتنىڭ تاملىرى خىش بىلەن قوپۇرۇلغان. ئۆگزىسى تۈز بولۇپ، ئۆگزىگە مۇنار سېلىنغان. مەسچىتنىڭ شەكلى ئادەمنى قىزىقتۇرىدۇ.