Chinese→Uyghur主要词典
三国史记
دۇنيا تارىخى
ئۈچ بەگلىك ھەققىدە تارىخىي خاتىرىلەر
كىتاب ئىسمى، چاۋشيەننىڭ ئەڭ قەدىمك تارىخنامىسى. 1145 - يىلى (كورىيە رىنرۇڭ 23 - يىلى)، چىن فۇشى قاتارلىقلار كونا <ئۈچ بەگلىكنىڭ تارىخى> ۋە <دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى ئۈچ بەگلىكنىڭ تارىخى> (بۇ ئىككى ئەسەر يوقىلىپ كەتكەن) غا ۋە جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدىكى ئالاقىدار خاتىرىلەرگە ئاساسەن يېزىپ چىققان. بۇ كىتاب تەزكىرە تەرىقىسىدە خەنزۇچە يېزىلغان بولۇپ، جەمئىي 50 جىلد. ئۇنىڭدا سىللا، كورىيە، پېكچىدىن ئىبارەت ئۈچ بەگلىكنىڭ تارىخى ۋە سىللانىڭ چاۋشيەننى بىرلىككە كەلتۈرگەنلىك تارىخى خاتىرىلەنگەن. سىللا ھەققىدىكى خاتىرە 12 جىلد، كورىيە ھەققىدىكى خاتىرە 10 جىلد، پېكچى ھەققىدىكى خاتىرە ئالتە جىلد، يىلنامە ئۈچ جىلد، خاتىرىلەر توققۇز جىلد، تەرجىمىھال 10 جىلد، بۇ كىتاب مۇھىم قىممەتكە ئىگە.