Chinese→Uyghur主要词典
桑海王国
دۇنيا تارىخى
سونگاي پادىشاھلىقى
گائو پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅤⅩ - ⅥⅩ ئەسىرلەردىكى غەربىي ئافرىقىدىكى كۈچلۈك دۆلەت. سونگايلار دېندىلاردىن كەلگەن. مىلادى Ⅶ ئەسىردەنېگىر دەرياسىنىڭ يۇقىرىنى بويلاپ ياشىغان،تەخمىنەن 890 - يىلى گائو شەھىرىنى قۇرغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گانا ۋە مالى پادىشاھلىقلىرىغا بېقىنغان. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مۇستەقىل بولغان. سۈنني ئەلى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە تىمبۇكتۇ بىلەن جېننينى ئىشغال قىلىۋېلىپ، زېمىنىنى كېڭەيتكەن. مۇھەممەد تۇرې سۈننىي سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاسكىيە سۇلالىسىنى قۇرۇپ، راسا روناق تاپقان. زېمىنى غەربتە سېنېگال دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىن، شەرقتە ئىل ئېگىزلىكىگىچە، جەنۇبتا سېنېدىن تارتىپ، شىمالدا تېگازغىچە بېرىپ يەتكەن. كېيىنكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىچكى جاڭجاللىرى ئارقىسىدا، دۆلەت ئاستا - ئاستا خارابلاشقان. 1585 - يىلى ماراكەشنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 1591 - يىلى گائا بىلەن تىمبۇكتۇ ئىشغال قىلىۋېلىنغان. قۇللار ۋە دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ زەربىسى ئارقىسىدا ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پارچىلانغان.