Uyghur主要词典
ساندۇۋاچ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يۇقىرىقىغا ئوخشاش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جۇغى كىچىك، چىرايلىق ۋە يېقىملىق سايرايدىغان قۇش.
بۇلبۇلنىڭ چىرايلىق ھېكايىلىرىگە قورساق تويمايدۇ. ئەي بۇلبۇل، كەلتۈرگىن باھار خەۋرىنى، ھۇقۇشقا تاشلا يامان سۆزنىڭ بەرىنى. بۇلبۇلغا باغ ياخشى، كەكلىككە تاغ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇلبۇل.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
سەندەن قاچار سۇندىلاچ
مەندە تىنار قارغىلاچ
تاتلىغ ئۆتەر ساندۇۋاچ
ئەركەك تىشى ئۇچراشۇر
{سەندىن قاچار سۇڭگۇلۇگۇچ،
مەندە تىنار قارلىغاچ،
نەغمە قىلار بۇلبۇل (قۇش)،
ئەركەك - چىشى ئۇچرىشار.}
ياز بىلەن قىشنىڭ مۇنازىرىسىنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ: ياز قىشقا ئېيتىدۇ، سەندىن سۇڭگۇلۇگۇچ قاچىدۇ، مەندە بولسا، قارلىغاچلار يايرايدۇ، بۇلبۇللار نەغمە قىلىدۇ، ئەركەك بىلەن چىشى قوشۇلىدۇ.
1 - 685
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇلبۇل.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
سەندەن قاچار سۇندىلاپ
مەندە تىنار قارغىلاچ
تاتلىغ ئۆتەر ساندۇۋاچ
ئەركەك تىشى ئۇچراشۇر