Chinese→Uyghur主要词典
三点测交
بىئولوگىيە
ئۈچ نۇقتىلىق سىناق قىلىپ چېتىشتۈرۈش
ئوخشاش بىر تال خروموسومىدىكى ئۈچ دانە تەڭ ئورۇنلۇق بولمىغان گېنلار ئارىسىدىكى ئالمىشىش چاستوتىسىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ خروموسومىدىكى تىزىلىش رېتى ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقلىرىنى ئېنىقلايدىغان چېتىشتۇرۇش تەجرىبىدۇر. ئۈچ گېنلىق ئارىلاش بىرلەشمە تەنچە بىلەن ماس ھالدىكى ئۈچ گېنلىق يوشۇرۇن ساپ بىرلەشمە تەنچە سىناق قىلىپ چېتىشتۇرۇلىدۇ، سىناق قىلىپ چېتىشتۇرۇلغان ئەۋلاد ئىندىۋىدلىرىنىڭ تىپى ۋە ئۇنىڭ نىسبىتىدىن شۇ ئۈچ دانە گېن ئارىلىقىدىكى ئالمىشىش چاستوتىسى ھەم ئۇلارنىڭ خروموسومىدىكى تىزىلىش رېتى ۋە ئۆز ئارا ئارىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ، مەسىلەن، مېۋە چىۋىننىڭ W,Y ۋە bi دىن ئىبارەت ئۈچ دانە تەڭ ئورۇنلۇق بولمىغان گېنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆزىنىڭ، تېنىنىڭ رەڭگى ۋە قانات تومۇرىغا تەسىر قىلىدۇ. ئۈچ نۇقتىلىق سىناق قىلىپ چېتىشتۇرۇش تەجرىبىسىدە ئىپادىلىنىشىچە، بۇ ئۈچ گېن ئوخشاش بىر تال خروموسوما ئۈستىدە بولىدۇ ھەمدە W ۋە Y نىڭ ئالمىشىش چاستوتىسى 15%، W ۋە bi نىڭ ئالمىشىش چاستوتىسى 5.4%، Y بىلەن bi نىڭ ئالمىشىش چاستوتىسى 6.9% بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ خروموسوما ئۈستىدە تىزىلىشى ۋە ئۆز ئارا ئارىلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. چۈنكى Y بىلەن bi نىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىق، Y بىلەن W ھەمدە W بىلەن bi ئارىسىدىكى ئارىلىقلارنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولىدۇ، شۇڭا ئۈچىلىسى تۈز سىزىق بويىچە تىزىلىدۇ. <سىناق قىلىپ چېتىشتۇرۇش> قا قاراڭ.