Uyghur主要词典
سام تاغام
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىنىڭ لەقىمى.1812 - يىلدىكى ئامېرىكا - ئەنگىلىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە پەيدا بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ چاغدىكى نيو - يورك شىتاتىنىڭ تروي شەھىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي قورال - ياراق بۇيرۇتمىسىنى تەكشۈرىدىغان، سامۇل ۋىلسون ئىسىملىك بىر ئەمەلدار بار ئىكەن، شۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇنى <سام تاغام> دەپ ئاتىشىدىكەن. ئىنگلىز تىلىدىكى <سام تاغام> دېگەن سۆزنىڭ بىرىنچى ھەرپى U بىلەن S بولىدۇ. دېمەك، <ئامېرىكا> دۆلىتىنىڭ قىسقارتىلغان نامى U.S گە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا كىشىلەر چاقچاقلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ U.S دېگەن خەت بېسىلغان ھەربىي بۇيۇملار ساندۇقىنى چوڭ سام تاغامنىڭ ساندۇقى دېيىشىدۇ. ھەجۋىي رەسساملارمۇ 19 - ئەسىردىكى يېڭى ئىنگلىزلارنىڭ ئوبرازى بويىچە سام تاغامنى ئۈستىگە توق كۆك رەڭلىك فرانك، يوللۇق شىم كىيگەن، كەكە ساقاللىق ياداڭغۇ ئادەم قىلىپ سىزاتتى. 1961 - يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە <سام تاغام> ۋە ئۇنىڭ ئوبرازىنى <ئامېرىكىنىڭ سىمۋولى> قىلىش توغرىسىدا قارار ماقۇللانغان.