Uyghur主要词典
سامىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان شەخس. قەيت قىلىنىشىچە، باشقىلار «كۆرەلمەيدىغان» نەرسىلەرنى ئۇ كۆرەلەيدىكەن. مۇسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلنى باشلاپ مىسىردىن كەتكەندىن كېيىن، ئاللا بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كىشىلەردىن 40 كۈن ئايرىلىپ كەتتى. بۇ چاغدا سامىر پەرشتە مىنگەن ئاتنىڭ تۇياق ئىزىدىن بىر تۇتام توپا ئېلىپ، ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ، مۆرىيەلەيدىغان ئالتۇن موزاي ياساپ، كىشىلەرنى بىر ئىلاھلىق ئېتىقادتىن ۋاز كېچىشكە ئېزىقتۇردى. مۇسا ئەلەيھىسسالام قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئەيىبلىدى. كىشىلەر تۆۋە قىلىپ، بىر ئاللاغا قايتىدىن ئىمان ئېيتتى.