Uyghur←Chinese主要词典
سامو كىنەزلىكى
دۇنيا تارىخى
萨摩公国
sà mó gōng guó
غەرب سلاۋىيانلىرى قۇرغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى فېئوداللىق دۆلەت، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى سامو (؟ - 658) بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام بېرىلگەن. مىلادى 632 - يىلى كىنەز سامو (كېلىپ چىقىشى سلاۋيان، فرانك دېگەن گەپمۇ بار)قوشۇن باشلاپ ئاۋارلارنى يېڭىپ،ئۆزىنى گېرتسوگ دەپ ئاتاپ، دۆلەت قۇرغان، ئۇنىڭ زېمىنى موراۋىيە ۋە نىترانى مەركەز قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقاچېخ (بوخېمىيە)، سىلوۋاك، لۇزىس قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 631 - يىلى فرانكلارنى يېڭىپ، كىنەزلىككە غەربتىن كېلىدىغان خەۋپنى يوقاتقان. 658 - يىلى سامو ئۆلگەندىن كېيىن، كىنەزلىك پارچىلىنىپ كەتكەن.