Uyghur←Chinese主要词典
سامى فراشېرى
دۇنيا تارىخى
萨米.费拉舍里
sà mǐ .fèi lā shě lǐ
( 1850 - 1904)ئالبانىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مۇتەپپەككۈرى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. 1878 - يىلى، پۈتۈن ئالبانىيە ھەرىكىتى بىرلىك سېپىنى قۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى ئىستانبولدا مەخپىي كومېتىتقا قاتناشقان ھەمدە پرىزرېن ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. شۇ يىلى <شەرق ئوبزورى> گېزىتىنى تارقىتىشقا رەھبەرلىك قىلغان. گېزىتتە پرىزرېن ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى پروگرامما لاھىيىسىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا ئالبانىيە ئاپتونومىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. ياندۇرقى يىلى 10 - ئايدا ئىستانبۇلدا ئالبانيەنەشرىياتچىلىقى جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ رەئىسى بولغان. 08 - يىللاردا ئالبان تىلى مەكتىپى قۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدە، تۇنجى ئالبان تىلىدىكى دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان.Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، يەر ئاستى ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى: <قامۇس>،<تۈرك تىلى قامۇسى>، <ئەدەبىي تىل لۇغىتى>قاتارلىقلار.