Uyghur←Chinese主要词典
سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر
بىئولوگىيە
草本植物
cǎoběnzhíwù
غولى ئىچىدىكى ياغاچلىق قىسمى تەرەققىي قىلمىغان، ياغاچلاشقان ھۈجەيرە پوستى نىسبەتەن ئاز بولغان ئۆسۈملۈك. ئادەتتە بويى پاكار، غولىنىڭ سۈپىتى يۇمشاق بولىدۇ، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ئۆسۈش پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پۈتۈن تۈپى ياكى يەر ئۈستى قىسمى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ياشاش يىل چەكلىمىسىگە ئاساسەن بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك (مەسىلەن، شال، پۇرچاق، پەمىدۇر، تەرخەمەك)، ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر (تۇرۇپ، سەۋزە، كۈزلۈك بۇغداي)، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، توپىتامبۇر، ئىرىس، سېسىقيار) گە بۆلۈنىدۇ.
ئورمانچىلىق,ئۆسۈملۈك,ئۇنىۋېرسال
草本植物
cǎo běn zhí wù
ئۇنىۋېرسال
cǎo běn zhí wù
草本植物