Chinese→Uyghur主要词典
撒马利亚
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,تارىخ
sǎ mǎ lì yà
سامارىيە
دۇنيا تارىخى
سامارىيە
پەلەستىننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قەدىمكى شەھەر ھەم رايوننىڭ نامى. ئۇنىڭ شىمالى گالىلې، جەنۇبى يەھۇدىي، شەرقىي ئىئوردانىيە دەرياسى، غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتىشىدۇ. سامارىيە مۇشۇ رايوننڭ پايتەختى. تەخمىنەن مىلادىدىن 887 يىل ئىلگىرى ئومرى خاندانلىقى دەۋرىدە قۇرۇلغان.سىجيەن يېنىدىكى ساما تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن سامارىيە دەپ ئاتالغان ھەمدە ئۇزۇندىن بېرى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولۇپ كەلگەن. شەھەر ئىچىدە سەلتەنەتلىك ئوردا ۋە ئىبادەتخانا سېلىنغان. مىلادىدىن 722 يىل ئىلگىرى ئاسسۇرىيە پادىشاھى سارگۇن Ⅱ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئاھالىلەر باشقا شەھەرگە كۆچۈپ كەتكەن. مىلادىدىن 107 يىل ئىلگىرى يەھۇدىي ھۆكۈمرانى ھېكانۇ (مىلادىدىنئىلگىرى 135 - 104 تەختتە تۇرغان) تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. ئارخېلوگلار شەھەر خارابىسىنى قېدىرىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن كۆپ مىقداردا پىل چىشى، مېتال قاچىلار ۋە ساپال پارچىلىرى تېپىلغان. قەدىمكى پەلەستىننىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.