Uyghur主要词典
سالۋېئېن دەرياسى
بىئولوگىيە
ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى چوڭ دەريا بولپ، جۇڭگونىڭ شىزاڭ رايونىدىكى تاڭگولا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىن باشلىنىدۇ. ئالدى بىلەن شەرقىي جەنۇبقا، ئاندىن كېيىن جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ دۆلىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ بىرما چېگرىسىغا كىرىدۇ، دەريانىڭ دۆلىتىمىزدىكى قىسمى نۇجياڭ، بىرمىدىكى قىسمى سالۋېئېن دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەريا شىفان ئېگىزلىكىنى كېسىپ ئۆتۈپ مولۇمېن شەھىرى ئەتراپىدىكى ئانادامان دېڭىزىنىڭ مارتابان قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 1660 كىلومېتىر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3200 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كۆلىمى 325 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر (%40 جۇڭگو چېگرىسىدا، % 60گە يېقىنراقى بىرما چېگىرىسىغا، ئاز قىسمى تايلاند چېگرىسىغا توغرا كېلىدۇ)، دەريانىڭ تۆۋەن قىسمى بىرما بىلەن تايلاندنىڭ تەبىئىي چېگرىسى بولۇپ، تارماق ئېقىنلىرى ئاز، كۆپ قىسمى چوڭقۇر جىلغا ئىچىدە ئاقىدۇ، ئېقىن يانتۇلۇقى چوڭ، سۈيى تېز، شارقىراتمىلار كۆپ. دەريانىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى بىلەن تۆۋەن ئېقىنىدىكى 100 كىلومېتىر ئارىلىقتا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. سالۋېئېن دەرياسى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئېگىز تاغ ئارىلقىدىكى جىلغىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن بىرمىنىڭ شەرق، غەرب ئارىلىقىدىكى مۇھىم قاتناش توسالغۇسى بولۇپ تۇرىدۇ. بىراق سۇ ئېنېرگىيىسى مول، ياغاچ ماتېرىياللار دەريا سۈيىدە لەيلىتىپ ئېقىتىلىدۇ.