Uyghur主要词典
سالقىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاۋا ئىسسىقمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس.
كېچە سالقىن بولسىمۇ، ئالەم كۈندۈزگە خۇمار. سۆرۈن يەردە سەگىسەڭ، ھاردۇق چىقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئىسسققا نىسبەتەن سوغۇق، سوغۇققا مايىل، مۆتىدىل، سۆرۈن.
سالقىن ھاۋا. سالقىن شامال.
بېشىڭنى سالقىن، قورسىقىڭنى توق، پۇتۇڭنى ئىسسىق تۇت (ماقال ).
ئى. كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان، سوغۇققا مايىل مۆتىدىل ھاۋا ۋە مۇشۇنداق ھاۋالىق جاي.
سالقىندا ئولتۇرماق.
سۈپ. كۆچمە. خۇشياقماستىن، ياقتۇرمىغان ھالدا، سۇس.
قىز ئەتراپقا سالقىن بىر كۆز تاشلىدى - دە، غىڭشىپ ناخشىنى ئېيتتى.