Uyghur主要词典
سالماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىگە، دائىرىسىگە ياكى ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرماق، جايلاشتۇرماق، قويماق، تاشلىماق:[مىسال:] قىلىچنى قېپىغا سالماق. يانچۇققا سالماق. ئاغزىغا سالماق. خۇرجۇنغا سالماق.[يەشمىسى:] ② بىرنەرسىگە ئېسىپ، ئۆتكۈزۈپ، تارتىپ ياكى تىكلەپ ئورناتماق، ئورۇنلاشتۇرماق:[مىسال:] چاچ سالماق. ھالقا سالماق. ئۈزۈككە كۆز سالماق. چىش سالماق. رامغا ئەينەك سالماق. دۇتارغا تار سالماق.[يەشمىسى:] ③ بىرنەرسە ئۈستىگە دەل قىلىپ چۈشۈرمەك:[مىسال:] سايە سالماق. تامغا سالماق. * ئالاھىدىن ئۇلارغا كۆزىنىڭ قىرىنىمۇ سالماپتۇ.[يەشمىسى:] ④ سانجىپ، تىقىپ ياكى قىستۇرۇپ كىرگۈزمەك:[مىسال:] ئوكۇل سالماق. ئاچقۇچ سالماق.[يەشمىسى:] ⑤ قەيت قىلماق، يازماق:[مىسال:] ماقۇل دادا، دېگەنلىرىڭنى خەتكە سېلىپ قوياي.[يەشمىسى:] ⑥ تاشلاپ بەرمەك:[مىسال:] قويغا ئوت سالماق. ئېشەككە سامان سالماق.[يەشمىسى:] ⑦ ئەۋەتمەك، يوللىماق:[مىسال:] خالتا سالماق. * خەتنى ئەتىسى ئەتىگەندە پوچتىدىن سالدىم.[يەشمىسى:] ⑧ چاپلاپ ياكى چېتىپ ئورناتماق:[مىسال:] ياماق سالماق. ئاياغقا چەم سالماق. ئۆتۈككە باشلىق سالماق. بەلۋاغقا ئۇلاق سالماق.[يەشمىسى:] ⑨ مەلۇم قاچا ئىچىدە پىشۇرماق:[مىسال:] مەيزاپ سالماق. گۈلقەنت سالماق. تاماققا تۇز سالماق. قازانغا گۆش سالماق. ساڭزا سالماق.[يەشمىسى:] 01 بىرەر قاتناش قورالىغا ئولتۇرماق، چىقارماق:[مىسال:] مەن ئاپامنى بۈگۈننىڭ پويىزىغا سېلىپ قويۇپ كىردىم. * بالىلارنى ھارۋىغا سېلىپ، بىز پىيادە ماڭدۇق.[يەشمىسى:] 11 بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە يايماق، ئاچماق، ياتقۇزماق:[مىسال:] كۆرپە سالماق. ئۆيگە گىلەم سالماق. داستىخان سالماق. پايانداز سالماق.[يەشمىسى:] 21 ھازىرلىماق، تەييارلىماق:[مىسال:] تاماكا سالماق. چىلىم سالماق.[يەشمىسى:] 31 ياقماق، تۇتاشتۇرماق:[مىسال:] گۈلخان سالماق. ئىسرىق سالماق. تونۇرغا ئوت سالماق.[يەشمىسى:] 41 يېشىپ ئۈستىدىن ئېلىپ تاشلىماق:[مىسال:] سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سالما (ماقال).[يەشمىسى:] 51 پەسكە قارىتىپ ئەگمەك، ساڭگىلاتماق؛ سالپايتماق:[مىسال:] ئابدۇنىياز بۇلۇڭدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بېشىنى تۆۋەن سالدى.[يەشمىسى:] 61 بىنا قىلماق، بەرپا قىلماق، قۇرماق، ياسىماق، ئورناتماق:[مىسال:] ئۇۋا سالماق. تونۇر سالماق. ئوچاق سالماق. مەكتەپ سالماق. تام سالماق.[يەشمىسى:] 71 قاتتىق تەگكۈزمەك، ئۇرماق:[مىسال:] مۇشت سالماق. تەستەك سالماق. كاچات سالماق. تاياق سالماق.[يەشمىسى:] 81 كەسمەك:[مىسال:] دەرەخقە پالتا سالماق. * پىچاقنى ئاۋۋال ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا كىشسال (ماقال).[يەشمىسى:] 91 مەلۇم نەرسە بىلەن ئۆلچىمەك:[مىسال:] يەرگە مېتىر سالماق. جىڭغا سالماق.[يەشمىسى:] 02 ئوراپ، چېڭىتىپ ئاجرىمايدىغان قىلماق، ئەتمەك؛ بېكىتمەك، بەند قىلماق:[مىسال:] ئىشىككە تاقاق سالماق، زەي سالماق. بوينىغا گىرە سالماق. كىشەن سالماق يۈگەن سالماق. سىرتماق سالماق.[يەشمىسى:] 12 سوقماق، ئۇرماق (يۈرەك، تومۇر ھەققىدە):[مىسال:] ئادىلنىڭ يۈرىكى سېلىپ كەتتى.[يەشمىسى:] 22 مەلۇم بىر تەرەپكە يۈزلەندۈرۈپ قويۇپ بەرمەك، ئىلگىرىلەتمەك، ماڭدۇرماق:[مىسال:] قويلارنى يايلاققا سالماق.[يەشمىسى:] 32 بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشتۇرماق:[مىسال:] 3 قېتىم بىر قىزىل چار خوراز بىلەن قارا خورازنى سالدى.[يەشمىسى:] 42 بىرەر ئىشقا، ھەرىكەتكە، پائالىيەتكە چۈشۈرمەك؛ ئىشتىراك قىلدۇرماق:[مىسال:] بەيگىگە سالماق. جەڭگە سالماق. گەپكە سالماق. ئويۇنغا سالماق. ئۇسسۇلغا سالماق. ئۇرۇشقا سالماق. پاراڭغا سالماق. ئەمگەككە سالماق.[يەشمىسى:] 52 بىرەر ھالەتكە كەلتۈرمەك، چۈشۈرمەك؛ دۇچار قىلماق:[مىسال:] ئالەمنى لەرزىگە سالماق. ئەندىشىگە سالماق. قەلبىنى زىلزىلگە سالماق. دەردكە سالماق.[يەشمىسى:] 62 بىرەر ئەھۋال، ھالەت ياكى تۇيغۇنى پەيدا قىلماق:[مىسال:] تەھدىت سالماق. زىيان سالماق. سوغۇقچىلىق سالماق، ئازاب سالماق. گۇمان سالماق.[يەشمىسى:] 72 پىكىرلىشىشكە، بىر تەرەپ قىلىشقا سۇنماق، ھاۋالە قىلماق:[مىسال:] دەل مۇشۇ ۋاقىتتا توي مەسىلىسىنى ناھىيىلىك كومىتېت مەجلىسىگە سالدى.[يەشمىسى:] 82 چۈشكەن جايىدا تۇرغۇزۇپ ياكى ئوتقا تەڭلەپ ئىسسىق ئۆتكۈزمەك، قاقلىماق:[مىسال:] قاق سالماق. كاۋاپ سالماق. * ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا كېلىنىڭنى سال، كۈزنىڭ ئاپتىپىغا قىزىڭنى سال (ماقال).[يەشمىسى:] 92 مەلۇم تەرتىپ شەكىلگە ماس قىلماق، ماسلاشتۇرماق، ماس ھالدا بىرلەشتۈرمەك:[مىسال:] ئىشنى ئىزىغا سالماق. ناخشا تېكىستىنى ئاھاڭغا سالماق. قاتناشنى تەرتىپكە سالماق.[يەشمىسى:] 03 مەلۇم مەجبۇرىيەتنى يۈكلىمەك، ئارتماق:[مىسال:] سېلىق سالماق. ئالۋان سالماق.[يەشمىسى:] 13 تەكلىپ قىلىپ، ياللاپ ئىشلەتمەك:[مىسال:] ياغاچچى سالماق. ئۆيگە خىزمەتچى سالماق.[يەشمىسى:] 23 مەلۇم بىر تەرىپىگە يېقىن كەلتۈرۈپ ماڭدۇرماق:[مىسال:] بىز قاشقىر باينى ئالدىمىزغا سېلىپ يولغا چىقتۇق. * راۋابىڭنى چالساڭچۇ، مېنى ئارقاڭغا سالساڭچۇ، مەن مۇساپىر، سەن غېرىب، بېرىپ چۆللەردە چالساڭچۇ.[يەشمىسى:] 33 چۈشۈرمەك، كەلتۈرمەك، ئەسلەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ تۈرقى ئۆتكەن كۈنلەرنى قايتىدىن ئېسىمگە سالدى.[يەشمىسى:] 43 تۇغماق (قۇشلار ھەققىدە):[مىسال:] بۇ قۇشلار ئەتىيازدا تۇخۇم سېلىپ، بالا چىقىرىپ كۆپىيىدۇ.[يەشمىسى:] 53 يۆنىلىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن بەزى سەزگۈ ئەزا ناملىرىغا قوشۇلۇپ، شۇ ئەزا ۋاسىتىسى ئارقىلىق مەلۇم قىلغانلىقنى، ئەسلەتكەنلىكنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگىنىنى قايتا يۈزىگە سالمىدى.[يەشمىسى:] 63 ئايرىم ئىسىملارغا قوشۇلۇپ كېلىپ ئۇلارنى پېئىللاشتۇرىدۇ:[مىسال:] قۇلاق سالماق. يول سالماق. شاۋقۇن سالماق.[يەشمىسى:] 73 «-پ، -ىپ، -ۇپ، -ۈپ»لەر بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلار بىلەن كېلىپ، رەۋىشداش ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئورۇندىلىشىنىڭ تاسادىپىي بولغانلىق تۈسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] يىغلاپ سالماق. كۈلۈپ سالماق. ئېيتىپ سالماق.[يەشمىسى:] 83 يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن بەزى ئىسىم ياكى سۈپەتداشلار بىلەن كېلىپ سۇبيېكتىنىڭ شۇ ئىسىم ياكى سۈپەتداش بىلدۈرگەن ئىش-ھەرىكەتنى ئورۇندىغان ھالەتكە كىرىۋىلىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] رۇقىيەم بۇنى سېزىپ تۇرسىمۇ سەزمەسلىككە، كۆرۈپ تۇرسىمۇ كۆرمەسلىككە سالاتتى.