Chinese→Uyghur主要词典
萨拉托夫
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ساراتوۋ
سوۋېت ئىتتىپاقى ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان شەھەر. ساراتوۋ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر 1590 - يىلى سېلىنغان. 1780 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. ساراتوۋتاتارچە <سارىي تاۋو> دېگەن سۆزنىڭ رۇسچە تەلەپپۇزى بولۇپ، تاتارچە <سېرىق تاغ> دېگەن مەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ جاي چارروسىيە دەۋرىدە مۇھىم ئاشلىق، ياغاچ مەھسۇلاتلىرى سانائىتىنىڭ مەركىزى بولغان. ھازىر ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى مۇھىم سانائەت مەركىزى، چوڭ دەريا پورتىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 899 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). شەھەرنىڭ ماشىنىسازلىق (ستانوك، دىزېل ماشىنىلىرى، ئايروپىلان، نېفىت - خىمىيە سانائەت ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق)، يېمەك - ئىچمەك سانائىتى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ يېنىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز ئېلىنىدۇ. بۇ جايدا چوڭ تىپتىكى نېفىت خىمىيە سانائەت بىرلەشمە كارخانىسى بار، شەھەردە يەنە ئاشلىق تەتقىقات ئورنى، كورنىۋويىسكى مۇزېي قاتارلىق تارىخىي ئورۇنلار بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,تارىخ,ئۇنىۋېرسال
sà lā tuō fū
ساراتوۋ
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ساراتوۋ ئوبلاستى
سوۋېت ئىتتىپاقى ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىن رايونىغا جايلاشقان. مەيدانى 10 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 2 مىليون 560 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979)، رۇسلار 10/9 قىسمىنى، قالغىنى ئۇكرائىن، چۇۋاش، مولداۋا، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ساراتوۋ 1934 - يىلى ئوبلاست بولۇپ قۇرۇلغان، مەركىزى ساراتوۋ شەھىرى. ساراتوۋ ئوبلاستىنىڭ بىر قىسىم جايلىرى ئېدىرلىق، بىر قىسىم جايلىرى تۈزلەڭلىك بولۇپ، ئېگىز تاغلىقلار ئۇچرىمايدۇ. نېفىت، تەبىئىي گاز، مايلىق سىلانېتىس، كالىي تۇزى قاتارلىق كان بايلىقلىرى ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 250-400 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئورمان، ئوتلاق، ئوتلاق بەلبېغى، شەرقىي جەنۇب قىسمى يېرىم چۆل بەلباغ بولىدۇ. سانائىتىدە نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش، نېفىت - خىمىيە، ماشىنىسازلىق سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، قارا بۇغداي، كۆممىقوناق، ئاپتاپپەرەس، تاماكا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. مۇھىم شەھەرلىرى بالاشاۋ، ۋۇلىسكى ئېنگىلېس شەھەرلىرىدىن ئىبارەت.