Uyghur主要词典
سالار مۇسۇلمانلار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تارىختا سالار مىللىتى شۇنداق ئاتالغان. جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئىسلام دىنىغا ئېيتقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەجدادى يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە سەمەرقەندتىن چىڭخەيگە كۆچۈپ كېلىپ، كېيىن شۇ يەردىكى زاڭزۇ، خەنزۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن ئۇزۇنغىچە بىللە ياشاپ، تەرەققىي قىلىپ، قوشۇلۇپ كەتكەن. ھازىر ئاساسلىقى چىڭخەينىڭ شۇنخۇا سالار مىللىي ئاپتونوم ناھىيسىدە ياشايدۇ.