Uyghur←Chinese主要词典
سالامى دېڭىز ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
萨拉米海战
sà lā mǐ hǎi zhàn
يۇنان پېرسىيە ئۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ. مىلاددىن 480 يىل ئىلگىرى پېرسىيە پادىشاھى شېرسېس Ⅰ تەخمىنەن 500 مىڭ ئەسكەر، مىڭغا يېقىن ئۇرۇش كېمىسىنى باشلاپ، تراسې دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ، سۇ - قۇرۇقلۇق ئىككى يولدىن يۇنانغا ھۇجۇم قىلغان. پېرسىيە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئوتتۇرا يۇنانغا بېسىپ كىرىپ، تېزلا ئافىنا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان (شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسىمى يۆتكەپ كېتىلگەن)؛ ئۇنىڭ فىلوتى سۇنىئان تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئانتىكا يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى سالامى قولتۇقىغا كىرىپ، تېمىستوكلې قوماندانلىق قىلغان ئافېنا دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ئۇچراشقان. شۇيىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىككى تەرەپ قاتتىق جەڭ قىلغان. ئافېنالىقلاردا تەخمىنەن 300 دىن ئارتۇق ئۇرۇش كېمىسى بولۇپ، كېمىلەر كىچىكرەك ھەم ئەپچىل بولغان؛ تار قولتۇقتا پېرسىيەنىڭ چوڭ تىپتىكى كېمىلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئاستا بولۇپ، پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالغان، ئافېنالىقلار دۆلەت ۋەئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن جەڭ قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر شارائىتى تونۇش بولۇپ، راسلىنىپ تۇرۇپ، دۈشمەننى ھالسىرتىپ زەربە بەرگەن. جەڭ كەچكىچە داۋام قىلىپ پېرسىيىنىڭ غايەت چوڭ كىمىلىرى چۆكتۈرۋېتىلگەن، تېيىزسۇغا پېتىپ قالغان، خادا تاشقا سوقۇلۇپ كەتكەن ۋە بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇپ چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، 300 گە يېقىن كېمىسى زىيانغا ئۇچرىغان؛ ئافېنانىڭ تەخمىنەن 40 كېمىسى زىيانغا ئۇچرىغان. شېرسېس Ⅰ يۇنانلىقلارنىڭ قايتىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق قىسمىنى باشلاپ ئالاقزادە بولۇپ چىكىنگەن (قۇرۇقلۇق قىسىملىرى مودونوسنىڭ يېتەكچىلىكىدە پاسارىيەگە چېكىنگەن) سالامى دېڭىز ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئافېنانىڭ ئېگېي دېڭىزىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى تىكلىگەن، شۇنداقلا يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىدا يۇنانلىقلارنىڭ مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشتىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان.