Uyghur←Chinese主要词典
ساكسېن قانۇنى
دۇنيا تارىخى
萨克森法典
sà kè sēn fǎ diǎn
ساكسېنلارنىڭ ئادەت قانۇنلىرى توپلىمى، جەمئىي 66 ماددا، مىلادى Ⅷ - Ⅸ ئەسىر ئارىلىقىدا پۈتكەن. <ياۋايى مىللەتلەر> قانۇنىنىڭ بىر تۈرى. بۇ شۇ چاغدا ساكسېنلار ئارىسىدىكى ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى يەنىلا ئېغىر ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى، بىراق روشەن سىنىپىي پارچىلىنىش يۈز بەرگەنلىكىنى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن يەرلەرنى ئىگىلەپ تۇرغانلىقى، ئىمتىيازغا ئىگە ئىكەنلىكى، ئادەتتىكى ئۇرۇق ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە تىگىشلىك يەرلەردىن مەھرۇم بولۇپ، بېقىندى دېھقانغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، قانۇندا يەنە يېرىم ھۈرلەر ۋەقۇللار تىلغا ئېلىنغان، لېكىن ئۇلار ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسىي ھۆددىگىرى بولمىغان.