Uyghur主要词典
سايراتماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<سايرىماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
مەن ساڭا ئاشىق بولۇپ، سۆيدۈم يۈرەكتىن بىر ئۆمۈر.ئىشقىۋاز بۇلبۇل كەبى ئىشقىڭدا سايراتتىڭ مېنى.
ماھارەت بىلەن خۇش كۈيلەر چالماق (ساز - مۇزىكا ھەققىدە).
سايرىتىمەن دۇتارىمنى چىمەن تاغدا يارى - يار، كۆرەلمەسلەر يىغلاشسۇن ھەسرەت - داغدا، يارى - يار.
<تا - تا - تات> ئاۋاز چىقىرىپ كېلىشتۈرۈپ ئاتماق.
رەيھان ئىسھاقنىڭ قولىدىكى پىلىموتنى ئالدى - دە، چولاق تامنىڭ ئۈستىگە قويۇپ سايرىتىۋەتتى.