Uyghur主要词典
سايلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە نەرسىلەردىن ياخشى - ياماننى ئايرىپ چىقماق.
چىراي تاللىما، مىجەز تاللا. قېرىنداشنى تاللىغىلى بولمايدۇ، دوستنى تاللاشقا بولىدۇ. قۇش شاخنى تاللاپ قونىدۇ، شاخ قۇشنى تاللىيالمايدۇ. ياخشىنى ئىلغا، يامىنىنى تاشلا. ياخشىنى سايلا، ياماندىن يالتاي. ئۇرۇق پارلاش _ ھوسۇلغا يانداش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قول كۆتۈرۈش ياكى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ۋەكىل ياكى مەسئۇل خادىملىققا كۆرسەتمەك، تەيىنلىمەك.
خەلق سامساق ئاكىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ سايلىدى.
باھالاش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلغاپ چىقماق، تاللىماق.
ئۇلار رازىيەمنى مۇنەۋۋەر خىزمەتچىى قىلىپ سايلىدى.