Uyghur主要词典
سايگو تاكامورى
دۇنيا تارىخى
(1828 - 1877)ياپونىيە مېيجى يېڭىلىقى مەزگىلىدىكى مۇھىم ۋەزىر، ھەربىي ئالىم. ساتسۇما ۋاسساللىقىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك سامۇراي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئادەتتىكى ئىسمى يوشى ئىتارۇ خىرۇ بولۇپ، لەقىمى ئاكې كۇنى. ياش ۋاقتىدا ۋاسساللىق ھاكىمىيىتى ۋە باكۇ شوگون ھاكىمىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا تەرەپ - تەرەپلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. كېئو يىللىرىدا باكۇ شوگناتىنى ئاغدۇرغۇچىلار گورۇھىدىكى مەركىزىي شەخسكە ئايلانغان. كىدوكوئىن، ئوكۇبو توشىمىچى قاتارلىقلار بىلەن باكوشوگناتىغا قارشى ساتسۇما، ناگاسۇ ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، پادىشاھنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىياسىي ئۆزگىرىشىنى پىلانلىغان. مېيجى يېڭىلىقىدا <ئۈچ مەشھۇر شەخس>نىڭ بىرى بولغان. 1868 - يىلدىكى ئۇرۇشتا شەرققە يۈرۈش قىلغۇچى باش لەشكەر مەھكىمىسىنىڭ شتاب ئوفىتسېرى بولۇپ، باكۇ شوگناتنىڭ ۋەكىلى كاتسۇ كايشو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تىنچىلق بىلەن ئېدوغا قوشۇن باشلاپ كىرگەن. مېيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا مەسلىھەتچى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنرالى، مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ تۇتۇقى بولغان. 1873 - <چاۋشىيەنگە يۈرۈش قىلىش>تا چىڭ تۇرغانلىقتىن ئوكۇبو توشىمىچى قاتارلىقلارنىڭ قارشى تۇرىشىغا ئۇچراپ، خىزمىتىدىن قېلى، يۇرتى كاگوشىمادا ماكانلىشىپ قالغان. 1877 - يىلى سامۇرايلار ئۇنى سەركەردىلىككە كۆتۈرگەندە، توپىلاڭ قوزغىغان ئەمما مەغلۇپ بولۇپ كىيامادا قورسىقىنى يېرىپ تاشلاپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. دەسلىپىدە ھۆكۈمەت تەرەپىدىن ئاسىي دەپ بېكىتىلىپ، كېيىن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. <چوڭ سايگو ئەسەرلىرى> دېگەن ئەسىرى بار.