Uyghur主要词典
ساھىبجامال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەڭگى _ رويى يېقىملىق، كېلىشىملىك، كۆرۈنۈشى كىشىگە خوشاللىق بېغىشلايدىغان.
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق. چىرايلىق قىز بالدۇر توزار. گۈزەل نام گۈزەل چىرايدىن ئەلا. كۆركەمنىڭ كۈركى بار. ئۇز ئوزىدۇ. ئاز قىل، ئۇز قىل. ئاي جامال، ئاي يۈزلۈك، گۈل جامال ئاي ۋە گۈلگە ئوخشىتىشتىن ھاسىل بولغان. تەيۋەندە بۇلتۇر ساھىبجامال قىز تاللاش بولۇپ ئۆتتى. شاھزادە ئاي دېسە ئاي ئەمەس، كۈن دېسە كۈن ئەمەس قىزنى كۆرۈپ ھوشىدىن كەتتى. پادىشاھنىڭ ئاي دېسە ئاغزى بار، كۈن دېسە كۆزى بار بىر قىزى بار ئىكەن. يىراق _ يېقىندىكى شاھزادىلەر ئاشىقىي بىقارار بولۇپ يۈرىشىدىكەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چىرايى، ھۆسنى، جامالى ۋە ئومۇمەن كۆرۈنۈشى كېلىشكەن، يارىشىملىق، يېقىملىق.
سەت، خۇنۇك، كۆرۈمسىز، بەتبەشىرە، سۆرۈن تەلەت
چىرايى، ھۆسنى، جامالى، تەلەتى ۋە ئومۇمەن كۆرۈنۈشى كېلىشمىگەن، يارىشىملىق يېقىملىق ئەمەس.
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق. چىرايلىقنىڭ دەردى يامان، سەتنىڭ ھالى. كۆرۈپ يۈرگەن چىرايلىقنى ئالغۇچە، كۆرۈپ بىلگەن سەتنى ئال. ئادەم پەقەت ھۆسنى بىلەن گۈزەل ئەمەس، ئادىمىيلىك جەۋھىرى بىلەن گۈزەل. مانتىغا پىياز، سامسىغا تۇز، ھەركىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز. لايىقىڭ خۇنۈك بولسا، قېيىن ئاناڭنىڭ كۆركىدىن نېمە پايدا. گۈزەل قىز ئاقىۋەت سەت موماي بولار. كۆرۈمسىز بولسىمۇ ئېرىڭ بولسۇن. خۇنۈكنى پەردازلىساڭمۇ خۇنۈك. دۈشمەننى بەتبەشىرىسى ئاشكارا بولدى. ئالدىمغا بىر سۆرۈن تەلەت خوتۇن چىقتى. ئون سەككىز يېشىڭ - زىبا چېغىڭ، ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. گۈزەل ھۆسىن - جامالغا ئىگە، چرايلىق، زىبا.
سىزگە ئەقلى - ھوشى جايىدا ۋە ساھىبجامال بىر قىزنى لايىق كۆرۈۋاتىمەن.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
سايىپجامال
چىراي ئىگىسى، چىرايلىق