Uyghur←Chinese主要词典
ساگا توپىلىڭى
دۇنيا تارىخى
佐贺之乱
zuǒ hè zhī luàn
ياپونىيە ساگا ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىنىڭ يېڭىلىققا كۆچۈش ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق توپىلىڭى. مېيجى يېڭىلىق مەزگىلىدە، ساگادا ھۆكۈمەتكە قارشى ئىككى ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى تەشكىلاتى بولغان: بۇنىڭ بىرى سابىق كېڭەش مەسلىھەتچىسى ئېتوشىنچى باشچىلىقىدىكى ئەسكەر ئەۋەتىپ چاۋشيەننى ئىستىلا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارتەرەپدارلىرى؛ يەنە بىرى ئاكىتا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئىسايوشى (1822 - 1874) باشچىلىقىدىكى ياۋرۇپالاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرغۇچى، دۆلەتتىن ئەنسىرەش تەرەپدارلىرى. 1874 - يىلى 2 - ئايدا بۇ ئىككى گورۇھ بىرلىشىپ 3000 دىن كۆپرەك ئادەم توپلاپ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ساگا ناھىيىلىك ھۆكۈمىتىنى بىر مەھەل ئىشغال قىلىۋالغان. مېيجى ھۆكۈمىتى ئوكۇبوتوشىمىچى قوماندانلىقىدا ئۇلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىپ، توپىلاڭچى قوشۇننى تېزلىك بىلەن تارمار قىلغان. ئېتوشىنچى بىلەن ئىسايوشى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەن.