Chinese→Uyghur主要词典
萨尔马提亚人
دۇنيا تارىخى
سارماتىلار
قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى كۆچمەن قەبىلە. ساكاسلار (ساكاس ئۇرۇقى) بىلەن ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتى بار، ئوخشاشلا ھىندى -ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىنىڭ شەرقىي ئىران تىللىرى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردە سىكتايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قارا دېڭىزنىڭ شىمال قىرغىقىغا كۆچۈشكەمەجبور بولغان. سارماتىلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان ماسساگېتلار مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پېرسىيەنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرۈپ، پادىشاھ كۇرۇسنى ئۆلتۈرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ماكېدونىيە ئالېكساندرنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغان قوشۇنلىرىغا كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسەتكەن، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىⅢ ئەسىردە يەنە قارا دېڭىزنىڭ شىمال قىرغىقىدىكى سىكتايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدا يەنە يەنسەيلەر ۋە ئالانىلار قاتارلىق كۆچمەن قەبىلىلەر باش كۆتۈرۈپ، سارماتىئانلار ئاستا - ئاستا خارابلاشقان. قارىلىشىچە، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىرگىچە سارماتىلاردا ماترىئارخاللىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلانغان، ئۇلار ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان، سۇ - ئوتلاققا قاراپ ئولتۇراقلاشقان، ئاتمىنىش، ئوقيا ئېتىشقا ئۇستا، تۇرمۇش ئادىتى سىكتايلارغا بىرقەدەر يېقىنلىشىدۇ.