Uyghur主要词典
ساچىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تارتۇق؛ چاچقۇ:
ساچىق بىرلە نەۋائۇ سازى ئانىڭ،
خىتايى جىنس پايەندازى ئانىڭ.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
توي ۋە چىللاقلاردا تارتىلىدىغان نازۇ - نېمەتلەر؛ كېلىن - كۆيۆ ۋە باشقا ھۆرمەتلىك كىشىلەرنىڭ بېشىدىن ئۆرۈلىدىغان تەڭگە، چاچقا؛ تارتۇق، ھەدىيە - ئارمىغان.