—参考资料
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇكاپاتى
领域: دۇنيادىكى مۇكاپاتلارسوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى پەن، تېـخـنـىـكـا، ئەدەبـىـيـات ۋە قۇرۇلۇش ساھەسىگە ئىجادىي تۆھپە قوشقان سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالىرىـغـا بېرىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپات ئىدى.1966 - يىل9 - ئايـنىـڭ9 - كـۈنـى سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېـتـى بـىـلـەن سـوۋېـت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەسىس قىلـىـنغان، دۆلەت مۇكاپاتى نـىـزامى1967 - يـىـل9 - ئايـنـىـڭ17 - كـۈنـى سـوۋېـت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتـى بـىـلـەن مـىـنـىـسـتـىـرلار سوۋېتىدە تەستىقلىنىپ ئېلان قىلىنغان.
ئۇنىڭ مۇكاپاتلاش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ، ئومۇمـەن، ئىـجـتـىـمـائىـي پەنلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مـۇھىـم تـۆھپـە قـوشـقـان ئىـلـمـىـي تەتقىقات نەتىجىلىرى؛ ئىلغار ماتېرىـيـال، مـاشـىـنـا يـاكـى ئەسلىھەلەرنى كىرگۈزۈپ، دۆلەت ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشكە مۇھىـم تـۆھپـە قـوشـقـان مۇۋەپپەقىيەتلەر؛ يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىغا ئىگە تېخنولوگـىك مەشغۇلاتنى كەشىپ قىلغانلار؛ مۇھىم ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىـگـە يـېـڭـى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى بايقىغانلار؛ ئۆزگىچە ئىجادىيلـىـقـقـا ئىگە ئىمارەت ۋە ئىقتىسادىي تېخنىكا ئەھمىيىتىگـە ئىـگـە مـۇئەسـسـەسـەلـەر؛ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى ھەل قىلىشتا چوڭـقـۇر تـەسـىـرگـە ئىـگـە نەزەرىيە تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ماركسىزم - لېنىنىزم تەتقىقاتىدىكـى زور تۆھپىلەر؛ ئەدەبىيات ۋە سەنئەتتىكى يۇقىرى سەۋىيىـلـىـك غايىـچـىـلـىـك ئەسەرلىرى قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇكاپاتىغـا ئېـرىـشـەلـەيـدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىـلـەر قـايـتـا يـېـڭـى مـۇھىـم مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولسا، كېيىنكى قېتىملـىـق دۆلـەت مـۇكـاپـاتـىـغـا ئېرىشسە بولىدۇ، بىراق ئىككى قېتىملىق مۇكاپـاتـنـىـڭ ئارىـلـىـقـى بەش يـىـل بولۇشى كېرەك.
سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇكاپاتى ھەر يىلـى ئۆكـتـەبـىـر ئىـنـقـىلابـى بايرىمىدا تارقىتىلىدۇ،50 تۈرلۈك پـەن مـۇكـاپـاتـى،10 تـۈرلـۈك ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە قۇرۇلۇش مۇكاپاتى بار.1970 - يىلى يـەنـە بـالـىلار ئەدەبىيات - سەنئەت مۇكاپاتىدىن بىرى ۋە مۇنەۋۋەر دەرسلىك مۇكاپاتىـدىـن تۆتى كۆپەيتىلىپ، ئالىي مائارىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ ۋە كەسپـىـي مـائارىـپ جەھەتتىكى دەرسلىكلەر مۇكاپاتلانـغان. ھەربـىـر تـۈرلـۈك مـۇكـاپـاتـنـىـڭ سوممىسى5000 رۇبلى بولغان. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى مۇكاپاتـتـىـن بـاشـقـا، يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك نامى ھەم مـېـدال ۋە لەۋھەگە ئېرىشىدۇ. مۇكاپاتلارنى سوۋېت كومپارتىـيىـسـى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مىنىستىرلار سوۋېتى قارىمىقىدىكى لېنىـن مـۇكـاپـاتـى كومىتېتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇكاپاتى كومىتېتى تـەسـتـىـقلايـدۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەركەز گېزىتى ھەم ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىـيـەتـلـەر ۋە يەرلىك گېزىتلەردە ئېلان قىلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。