Uyghur←Chinese主要词典
رىزال
دۇنيا تارىخى
黎萨
lí sà
(1861 - 1896) فىلىپپىن مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، يازغۇچى، لاگۇنادى باي ئۆلكىسىدىكى كانەنبادا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ ياۋروپاغا كەتكەن. 1879-يىلى ۋەتەنپەرۋەر شېئىرى <فىلىپپىن ياشلىرىغا> نى ئېلان قىلغان. 1885-يىلى مادرىد داشۆسىدە تىببىي ۋە پەلسەپە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. كېيىن ئۇزۇن مەزگىل ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىرلارنى تەشكىللەش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. تىنچ يول بىلەن ئىسلاھ قىلىشنى تەشۋىق قىلغان. 1892-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. ئۇنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى مانىلا شەھىرىدە فىلىپپىننىڭ مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتى <فىلىپپىن ئىتتىپاقى> قۇرۇلغان. ئۇ قانۇنىي يوللار بىلەن بىرلىكتە كەلگەن مىللىي دۆلەت قۇرۇپ، مىللىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى خام خىيال قىلغان. 7-ئاينىڭ 7-كۈنى قولغا ئېلىنغان. كېيىن مىنداناۋ ئارىلىدىكى داپىتانغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1896-يىلى 12-ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن. <ماڭا چېقىلمىسۇن> ۋە <قوزغىلاڭچى> دېگەن ئىككى رومانى بولۇپ، بۇنىڭدا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى چوڭقۇر پاش قىلىنىپ، مىللىي ئاڭنى ئويغىنىشقا تۈرتكە بولغان.