Uyghur主要词典
رىزا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رازىلىق، بويسۇنۇش، كۆنۈش:
بۇيرۇق، پەرمان:
بولماس رىزا بۇ مەرتىبەسىن پەست ئېتەر خەيال،
ھەم مەنسەبى كۆرۈرنۇر ئۇنىڭ كۆزىگە كەم.
سەبۇرى.
قايتا ئالمان بويۇن ئاندىن نەچە زۇلم ئەيلەسە كۆپ،
قۇلدا يوق ئاچچىغلاسە خاجە غەيرى.
ئەرشى.
2. بويۇن سۇنغاي رىزايى ھەقغە بەندە،
لەبىن زاھىر يۇمار باتىندە خەندە.
خىرقەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رازىلىق، رازى بولۇش، بويسۇنۇش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتتىن قانائەتلىنىش تۇيغۇسى.
بازارغا رازى بول، يوققا سەۋرى قىل. ئاز پايدىغا رازى بولمىساڭ، كۆپ زىيانغا ئۇچرايسەن. قازاغا رىزا بولماقتىن ئۆزگە چارە يوق. يار شۇدۇر كۆنسە يار جاپاسىغا، ئارزۇسىنى كۆندۈرسە يار رىزاسىغا. سەن ئۇنى مەمنۇن قىلىمەن دېسەڭ، ئۇنىڭ دېگىنىنى قىل. قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىزدىن مىننەتدارمەن، ئۆلگۈچە ئۇنتۇمايمەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مەمنۇن، ماقۇل، قايىل.
نارازى
مەمنۇن، ماقۇل، قايىل ئەمەس.
يېڭى چاپىنى يوق، يامان چاپانغىمۇ رازى. قازاغا رىزادىن ئۆزگە چارە يوق. قىز قېرىسا نازى بولار، قېرىغىمۇ رازى بولار. نارازى بولۇپ يۈرگەن تاماق قورساق ئاغرىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. رازىلىق جاۋابى، رازىلىق؛ رازى.
رىزا قىلماق.
قازاغا رىزا، بالاغا سەۋر (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
رازىلىق، خۇشلۇق، قانائەت، قوبۇل