Uyghur主要词典
رېئاكسىيىنىڭ چاققانلىقى
پسىخولوگىيە
بۇئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلى، ئومۇمەن پىسخىك رېئاكسىيە ۋە پىسخىك جەرياننىڭ تېزلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن: سۆزلەش تېزلىكى، خاتىرە تېزلىكى، پىكىر تېزلىكى، دىققەتنىڭ يۆتكىلىش جانلىقلىقىنىڭ دەرىجىسى، ئادەتتىكى ھەرىكەن تېزلىكى قاتارلىقلار. يەنە بىر خىلى، ئىختىيارسىز رېئاكسىيە بېرىش، بۇ ھەر خىل تەسىرلەر پەيدا قىلغان پىسخىكىنىڭ ھەر تەرەپكە يۆنىلىشچانلىقى قاتارلىقلار. رېئاكسىيىنىڭ چاققانلىقى ئاساسەن نېرۋا سىستېمىسىنىڭ جانلىقلىقىنىڭ ئىپادىسى.