Uyghur←Chinese主要词典
رىۋېرا
دۇنيا تارىخى
里维拉
lǐ wéi lā
(1) مىگوئېل پرىمودىي رىۋاېرا ئوربانېيا (1870 - 1930) ئىسپانىيىلىك ھەربىي ۋە ئىستىبدات كادىسىدا تۇغۇلغان. دەسلەپ ھەربىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. 1898-يىلىدىكى ئىسپانىيە - ئامېرىكا ئۇرۇشىدا، كۇبا ۋە فىلىپپىندا ھەربىي سەپتە بولغان. 1909 - 1913-يىللىرى ماراكەشتە ھەربىي سەپتە بولغان. 1915 - ۋە 1922-يىللىرى كادىس بىلەن بارسېلونادا ھەربىي قوماندان بولغان. 1923-يىلى پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، ھەربىي ھالەت قانۇنى ئېلان قىلىپ، ھەربىي كاتتباشقا ئايلانغان. 1924-يىلى ماراكەشتىكى كېرەم رەھبەرلىكىدىكى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى باستۇرغان. 1925 - 1930-يىللىرى زۇڭلى بولۇپ، چوڭ ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، ئەمەلىيەتتىكى ئىستىبدات بولۇپ قالغان. كېيىن مەملىكەت ئىچىدە ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ كۆپىيىشى، پادىشاھ ۋە ئوفىتسېرلارنىڭ قوللىماي قويۇشى تۈپەيلىدىن، ۋەزىپىسىنى تاشلاپ پارىژغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن پارىژدا كېسەل بىلەن ئۆلگەن. (2) دېگورىۋېرا (1886 - 1957) مېكسىكىلىق رەسسام ۋە ھەيكەلتىراش. مېكسىكا تام سۈرەتلىرى ئىلمىي ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچى. مېكسىكا تام سۈرەتچىلىكىدىكى ئۈچ ئەزىمەتنىڭ بىرى دەپ داڭقى بار. 1896 - 1902-يىللىرى مېكسىكا شەھەرلىك گۈزەل سەنئەت ئىنستىتوتىدا ئوقۇپ، مېكسىكىلىق گۈزەل سەنئەتچى پوسادا (1851 - 1913) نىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1907 - 1921-يىللىرى ئىسپانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيىدە تۇرۇپ غەربىي ياۋروپا سەنئىتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان پىكاسو بىلەن يېقىن ئالاقە قىلىپ كەلگەن. 1921-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. 1922-يىلى مېكسىكا كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەلىرى <ئالەمنىڭ يارىتىلىشى>، <كېتساركو ئاتىلىنىڭ رىۋايىتى>، <شانلىق غەلىبە> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. (3) خوسىي ئوستاسىئو رىۋېرا (1889 - 1928) كولومبىيىلىك شائىر، يازغۇچى. بۇرژۇئا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قانۇن ئۆگەنگەن. دەسلەپ ئادۋوكاتلىك قىلغان، كېيىن پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ۋېنسۇئېلا بىلەن كولۇمبىيە چېگرا كومىسىيىسىنىڭ ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن ئامازون دەرياسى ۋادىلىرىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانزارلىق رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، <قاينام> ناملىق مەشھۇر رومانىنى يېزىپ چىققان. بۇنىڭدا ئامازون رايونى ئىسسىق بەلباغ ئورمانزالىقلىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قۇل قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىندىئانلار بىلەن ئارغۇن كاۋچۇكزارلىق ئىشچىلىرىنىڭ پاجىئەلىك ھاياتى سۈرەتلەپ بېرىلگگن. بۇنىڭدىن باشقا كولۇمبىيە ئىسسىق بەلباغلىرىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنى تەسۋىرلەيدىغان <خۇدا بەرگەن زېمىن> ناملىق ئون تۆت مىسرالىق شېئىرىمۇ بار. 1928-يىلى نيۇ - يوركتا ۋاپات بولغان.