Uyghur←Chinese主要词典
رۇزۋېلت
دۇنيا تارىخى
罗斯福
luó sī fú
(1) تېئودور رۇزۋېلت (1858 - 1919) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1901 - 1909). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. 1880-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. نيۇ - يورك شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1897-يىلى ياردەمچى دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى بولغاندا، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى تەرغىپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندا ۋوئود بىلەن پىدائىي ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىنى قۇرۇپ، ئۆزى 1-پولكنىڭ پولك كوماندىرى بولغان. سانتىياگو ئەتراپىدىكى سان خۇئان تېغىدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە غەلىبە قىلغان. يىل ئاخىرىدا نيۇ - يورك شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1900-يىلى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1901-يىلى 9-ئايدا ماك كىنلى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈۋېتىلگندىن كېيىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1904-يىلى ئۇدا زۇڭتۇڭ بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزەخلىدە <ترېستقا قارشى جەڭ> نى قانات يايدۇرۇپ، سىرتقا تاجاۋۇز قىلىپ كېڭىيىپ، <توقماق سىياسىتى> نى يولغا قويغان؛ پاناما قانىلىنى قېزىش ئىمتىيازىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1912-يىلى مىللىي تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىنى تەشكىللەپ سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان، لېكىن مەغلۇپ بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئاتتانتا دۆلەتلىرىنى قوللىغان. <رۇزۋېلت ئەسەرلىرى توپلىمى>، <زۇڭتۇڭنىڭ نۇتۇق ۋە خەت - ئالاقىلىرى>، <تەجىمىھال> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) فرانكلىن دېلونو رۇزۋېلت (1882 - 1945) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1933 - 1945) دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. 1904-يىلى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، كېيىن ئادۋوكاتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 1905-يىلى تېئودور رۇزۋېلتنىڭ جىيەن قىزى ئېلىنو بىلەن توي قىلغان. 1910-يىلى نيۇ - يورك شتات پارلامېنتىغا تاللىنىپ كىرگەن. 1913 - 1920-يىللىرى ياردەمچى دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى بولغان 1921-يىلى بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، توكۇر بولۇپ قالغان، لېكىن سىياسىي پائالىيەت بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. 1928 - 1923-يىللىرى نيۇ - يورك شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1933-يىلى زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دەرھال <يېڭى سىياسەت> نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، <ئىجارىگە ئېلىش قانۇنى> تۈزۈپ، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرىغا قارشى تۇرۇشنى قوللىغان. سوۋېت ئىتتىپاقى - گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، <ئىجارىگە ئېلىش قانۇنى> نىڭ دائىرىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغىچە كېڭەيتكەن. 1194-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىلل بىلەن بىرلىكتە <ئاتلانتىك ئوكيان نىزامى> نى ئېلان قىلىپ، فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەن. 1941-يىلى 12-ئايدا ياپونىيە پيورل - خاربور پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشقا رەسمىي قاتناشقانلىقىنى جاكارلىغان.1944-يىلى ئۇدا تۆtىنچى قېتىم زۇڭتۇڭ بولغان، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى خىزمەت ئۈستىدە مېڭىسىگە قان چۈشۈش كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. <ئالغا قاراش>، <بىزنىڭ يولىمىز توغرىسىدا> قاتارلىق ئەسەرلەر بار.