Uyghur主要词典
رۇسسو
مەشھۇر شەخسلەر
فرانسىيىنىڭ18 - ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر بۇرژۇئا ئاقارتىش مۇتەپەككۇرى رۇسسو ئۆزىنىڭ قەبرە تېشىغا «بۇ يەردە تەبىئەتنى ۋە ھەقىقەتنى سۆيىدىغان بىر ئادەم ئۇخلاپ ياتىدۇ» دەپ يېزىشنى ۋەسىيەت قىلغان.
رۇسسو (1712 −1778 - يىللار) فرانسىيىلىك ئاقارتىش مۇتەپەككۇرى، پەيلاسوپ، مائارىپچى، ئەدىب. ئۇنىڭ ئەجدادى فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلى فرانسىيىدىن سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىپ، جەنۋەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ سائەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، سىستېمىلىق تەربىيە ئالالماي، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ مول بىلىم ئىگىلىگەن. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئاچارچىلىق، سوغۇق، سەرسان - سەرگەردانلىقتا ئۆتكۈزگەن، شاگىرت بولۇپ، ئىشلەمچىلىك قىلىپ دېگەندەك جاھاننىڭ ئىسسىق - سوغۇقلىرىنى يەتكۈچە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. مانا مۇشۇنداق كەچۈرمىشلەر ئارقىلىق، ئۇ جەمئىيەت بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى چۈشىنىپ يەتكەن، فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ زۇلمەتلىكلىكىنى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر خىل باراۋەرسىزلىكنى كۆرۈپ يېتىپ، فېئوداللىق تۈزۈمگە قارشى مۇستەھكەم ئاڭ يېتىلدۈرگەن.
ئۇ كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ھېرىسمەن بولۇپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز باش قاتۇرغان. ئەمما، ئۇنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىجتىھاتى جەمئىيەتتىكىلەر تەرىپىدىن ئۇزاققىچە ئېتىراپ قىلىنمىغان.1750 - يىلى، ئۇ بىر قېتىملىق ماقالە قوبۇل قىلىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ1 - لىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، بىراقلا شۆھرەت قازانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە نامرات تۇرمۇشىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىش، بايلىق ۋە نام - ئابرۇيغا بېرىلمەسلىك، فېئودال كۈچلەر بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ئۆزىنى بۇلغىماسلىققا ئىرادە باغلىغان.1752 - يىلى ئۇ ئىجاد قىلغان بىر دراما سەھنىدە ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينالغان، فرانسىيە پادىشاھى لۇئى ئۇنىڭغا بىر يىللىق خىراجەت ئىنئام قىلغاندا، ئۇ بۇنى رەت قىلغان.1761
- يىلىدىن1762 - يىلىغىچە، ئۇ «پەن بىلەن سەنئەت توغرىسىدا»، «ئىنسانلار ئارىسىدىكى تەڭسىزلىكنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى»، «ئىجتىمائىي توختام توغرىسىدا» قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى ۋە «ئېمىل»، «يېڭى ئېيلوئېز» قاتارلىق پەلسەپىۋى رومانلارنى يازغان. «ئىجتىمائىي توختام توغرىسىدا» دېگەن ئەسەردە، ئۇ ئۆزىنىڭ دېموكراتىك سىياسىي ئىدىيىسىنى مەركەزلىك ئىپادىلەپ، فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ ئەجەللىك يېرىنى قاتتىق قامچىلىغان. ئۇ ئادەم تۇغۇلۇشىدىلا باراۋەر ۋە ئەركىن بولىدۇ، ھەممە ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ، خەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلغان ھۆكۈمرانلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئارقىلىق يوقىتىشقا ھوقۇقلۇق، دېگەن قاراشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىكى دېموكراتىيە قارىشى شۇ دەۋردىكى نۇرغۇن تەرەققىيپەرۋەر، ئىلغار مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىدىيىسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىپ، فېئودال كۈچلەرنىڭ بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ئاقىۋەتتە، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆيدۈرۈلگەن، پارىژ دىنىي جەمئىيىتى ئۇنى توۋا قىلىشقا بۇيرۇغان، سوت مەھكىمىسى ئۇنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ شۋېتسارىيە قاتارلىق جايلارغا قېچىپ بارغان، ئەمما يەنىلا شۇ جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتى بايان قىلىنغان «پۇشايمان» ناملىق ئەسەرنى يازغان، بۇ ئەسەر دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئۆزگىچە داڭلىق ئەسەر بولۇپ قالغان. ئۇ1778 - يىلى ۋاپات بولغان.
رۇسسو پۈتكۈل ھاياتىنى نامراتلىق ۋە بەختسىزلىك ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىدىيىسى پۈتكۈل بىر تارىخىي دەۋرگە يورۇقلۇق ئاتا قىلغان.
دۇنيا تارىخى
(1712 - 1778) فرانسىيىلىك پەيلاسوپ، يازغۇچى، پېداگوگىكا، مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپەككۇر. جەنۋەدە سائەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. شاگىرت ئىشچى، چاكار، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى، كاتىپ، نوتا كۆچۈرگۈچى بولغان. شۇ چاغدىكى ئاتاقلىق پەيلاسوپلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى مەمۇرىي دائىرىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن، چەت ئەللەردە كۆپ يىللار مۇساپىرچىلىقتا ياشىغان. كېيىن پارىژدا ۋاپات بولغان. پەلسەپە جەھەتتە تەبىئەت ئىلاھچىلىقى كۆز قارىشىدا بولۇپ، خۇدانىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن، روھنى ماددىسىز نەرسە ۋە ئۇ يوقالمايدۇ، دەپ قارىغان. ئىجتىمائىي - سىياسىي كۆز قارشى ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ مەركىزىي قىسمى بولۇپ، ئۇ تەبىئىي ھالەتتە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك بولمايدۇ، شۇنىڭدەك دۆلەت ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەت كېلىپ چىققان؛ دۆلەت - بايلار بىلەن كۈچلۈكلەرنى ھىيلە - مىكىرىسىنىڭ مەھسۇلى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە باي - نامراتلىققا بۆلۈنۈشتىن ئىبارەت قارشىلىق كېلىپ چىققان دەپ ھېسابلىغان. ئىجتىمائىي توختامنى ئاساس قىلغان دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇشنى، ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا ئەركىن - باراۋەر بولغان پۈتكۈل خەلققە مەنسۇپ بولۇشى لازىملىىنى، ھۆكۈمرانلار ئەگەر ئىجتىمائىي توختامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن، خەلقنىڭ ئۇلاrنى ئاغدۇرۇۋېتىش ھوقۇقى بولۇشى لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلغان. دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتتە نامراتلىق بىلەن بايلىق ئوتتۇىسىدىكى پەرق قايتا مەۋجۇت بولمايدۇ، لېكىن كىچىك خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ساقلىنىپ قالىدۇ، ھەمدە ئادەم پەقەت ئاساسىي ئىھتىياجىنى قامدىيالايدىغان مال - مۈلۈككە ئىگە بولىدۇ، دەپ قارىغان، ئۇنىڭ سىياسىي ئىدىيىسى ⅩⅤⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى فرانسىيە چوڭ ئىنقىلابىغا نىسبەتەن زور تەسىر كۆرسەتكەن. مائارىپ كۆز قارىشى جەھەتتە، ئۇ تەربىئىي تەربىيىنى تەكىتلەپ، ئۆسمۈلرەنىڭ تۇغما قابىلىيىتىنى ئەركىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋە مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتنىڭ چىرىك تەسىرىدىن ساقلىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەدەبىيات ساھەسىدە، ھەم رېئالىزم ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى راۋاجلاندۇرغان، ھەم رېئالىزم ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى راۋاجلاندۇرغان، ھەم رومانتىزم لىرىكىلىق ئەدەبىياتىنىڭ ئۇستازى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <ئىلىم ۋە سەنئەت توغرىسىدا>، <ئىنسانلار ئارىسىدىكى تەڭسىزلىكنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى>، <يېڭى ئېيلوئىز>، <ئېمىل>، <ئىجتىمائىي توختام توغرىسىدا>، <پۇشايمان> قاتارلىقلار بار.