Chinese→Uyghur主要词典
若奥一世
دۇنيا تارىخى
جوئاۋ Ⅰ
(1357 - 1433) پورتۇگالىيە كورۇلى (1385 - 1433). ئاۋىس خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە شەھەر خەلقى ۋە رىتسارلارغا تايىنىپ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئافرىقىغا كېڭىيىپ، 1415-يىلى جەبىلتارىق بوغۇزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى سېئوتا شەھىرىنى بېسىۋالغان، ئۇنىڭ ئوغلى ھېنرىخ (دېڭىزچى) نى كۆپ قېتىم كېمە ئەترىتى تەشكىللەپ، ئافرىقىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئېكسپېدىتسىيە ۋە مۇستەملىكىچىلىك تالان - تاراج قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان