Uyghur←Chinese主要词典
رۇنېبېرگ
دۇنيا تارىخى
鲁涅堡
lǔ niè bǎo
(1804 - 1877)، فىنلاندىيىلىك يازغۇچى ۋە شائىر مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى. پاراخوت كاپىتانىنىڭ ئوغلى. 1822-يىلى تۇركۇ داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، لېكتور، گېزىت مۇھەررىرى، پروفېسسور بولغان. <شەنبە ئىلمىي جەمئىيىتى> نىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە فىنلاندىيە خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى، ئۇلارنىڭ زېرەكلىكى، باتۇرلۇقى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تەسۋىرلەپ، فىنلاندىيە خەلقىنىڭ مىللىي روھى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇشقا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئاساسىي ئەسەرلىرى <بۇغا ئوۋلىغۇچى ئادەم>، <روژىستۋو بايرىمى ئاخشىمى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە <پورۇچىك ستالنىڭ ھېكايسى> نىڭ بېشىدىكى شېئىر <بىزنىڭ دۆلىتىمىز> كېيىن فىنلاندىيە دۆلەت شېئىرى قىلىنغان.