Chinese→Uyghur主要词典
茹柯夫
دۇنيا تارىخى
ژۇكوۋ
(1907 - 1980) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تارىخشۇناس. 1924 - يىلى لېنىنگراد ھازىرقى زامان شەرق تىلى شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1928 - يىلى ئۆگۈنۈش ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن ياپونىيىگە بارغان. 1929 - يىلدىن باشلاپ لېنىنگراد داشۆسى ۋە لېنىنگراد شەرق شۆيۈەنىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1943 -1950 - يىللىرى سوۋېت ئىتتپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىنچ ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1944 - يىلى پروفېسسورلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، موسكۋا داشۆ تارىخ فاكولتېتى يىراق شەرق دۆلەتلىرى تارىخي كافىدراسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1946 - 1976 - يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتى، ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تەتقىقات بۆلۈمىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1958 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1968 - يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دۇنيا تارىخى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇزۇن مۇددەت ياپونىيىەنىڭ يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان تارىخىي ھەمدە يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى شۇنىڭدەك مۇستەملىكە مەسىلىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1939 - يىلى <ياپونىيە تارىخى> نى نەشىر قىلدۇرغان. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ياپونىيە تارىخىغا ئائىت تۇنجى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. <دۇنيا ئومۇمىي تارىخى> (13 توم، 11 تومى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان)، 16 توملۇق <سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخى قامۇسى> نى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە <1939- 1945 - يىللىرىدىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىخى> ناملىق كىتابنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. يەنە <يىراق شەرق خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخ> (خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان)، <يىراق شەرق دۆلەتلىرىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخ> ۋە <ياپونىيە جاھانگىرلىكى> قاتارلىق كىتابلىرى بار.