Uyghur←Chinese主要词典
رۇەن فۇيىڭ
دۇنيا تارىخى
阮福映
ruǎn fú yìng
(1762 - 1819) يەنە بىر ئىسمى رۇەن يىڭ، نۇەن، جۇڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋيېتنام رۇەن سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى (1802 - 1819). ئۆلگەندىن كېيىن بېرىلگەن نامى شىزو. گۇاڭنەن فېئودال تەپرىقچى ھاكىمىيىتى رۇەن جەمەتى (كونا رۇەن) نى ئەۋلادى. 1778-يىلدىن باشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سىيام (ھازىرقى تايلاند) ۋە فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىشەن دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. شىشەن سۇلالىسىنى يوقاتقان. 1802-يىلى جەنۇب بىلەن شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پادىشاھلىق تەختكە چىققان، يىلى نامىنى جيالۇڭ دەپ ئاتىغان، شۇڭا جيالۇڭ پادىشاھ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ دۆلەت نامىنى ۋيېتنام دەپ ئاتاپ، فۇچۈننى (ھازىرقى شۈنخۇا) پايتەخت قىلغان. ئۇ تەختتە تۇرغان مەزگىللىرىدە، يېڭى خاندانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مەمۇرىي ئورگان ۋە ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەرگە بولغان چوڭ مۈلۈكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ماددىي نەرسىلەر بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجاىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، خەلقنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ۋە ئېزىشنى كۈچەيتكەن. سىرتقا نىسبەتەن فرانسىيىگە تىز پۈكۈپ، ۋيېتنامنىڭ پەيدىنپەي مۇنقەرز بولۇپ فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان.