Uyghur主要词典
رېتسىپتور
پسىخولوگىيە
بۇ ئادەم ۋە ھايۋان تېنىدىكى ھەر خىل غىدىقلىنىشلارنى قوبۇل قىلىدىغان مەخسۇس قۇرۇلمىدىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ تۈرى جىق، مۇرەككەپلىكىمۇ بىردەك ئەمەس. مۇرەككەپرەكلىرى ئادەتتە سەزگۈ ئەزا دەپ ئاتىلىدۇ. ئورنى ۋە قوبۇل قىلىدىغان تەسىرىگە قاراپ رېتسپتورلار ئۈچكە بۆلىنىدۇ: (1) سىرتقى رېتسىپتور: بۇلار تېرە، ھىد شىللىق پەردىسى، تەم غۇندىكى (غوزىسى)، كۆرۈش سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاڭلاش سەزگۈ ئەزاسى قاتارلىق ئورۇنلارغا جايلاشقان بولۇپ، سىرتقى مۇھىتتىن كەلگەن تۈرلىرى تەسىرلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ (2) ئىچكى رېتسپتور: بۇلار ئېغىز بوشلۇقى، ئىچكى ئەزالار ۋە تومۇرلارغا جايلاشقان بولۇپ، ئېغىز، بوغۇز، قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان، ئۈچەي، ئۆپكە شۇنىڭدەك تومۇردىكى قان بېسىمى ياكى قاندا يۈز بەرگەن خىمىيۋى ئۆزگىرىش تەسىرىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ (3) بەدەن رېتسپتورى : بۇلار مۇسكۇل پېيى، بوغۇم ۋە ئىچكى قۇلاق قاتارلىقلارغا جايلاشقان بولۇپ، بەدەن ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسملىرىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن تەڭپۇڭلۇقىدىن كەلگەن تەسىرلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاغرىق،بېسىم، تېمپېراتۇرا رېتسوتورلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى بىر قەدەر ئاددى بولۇپ، بەدەننىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقالغان. ھەر قايسى رېتسپتورنىڭ ئۆزىگە خاس قۇرۇلمىسى ۋە فۇنكىسىيىسى بولىدۇ. ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس غىدىقلىغۇچى بولىدۇ. كۆرۈش، ئاڭلاش ۋە ھىد (پۇراق) رېتسپتورلىرىنىڭ قوبۇل قىلىدىغان تەسىرلىرى يىرقراقتىن كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلار يىراقتىن سېزىدىغان رېتسپتورلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ.