Uyghur主要词典
روئون
دۇنيا تارىخى
(1803 - 1879) پرۇسسىيە ھەربىي ئالىمى. مارشال. 1836-يىلدىن باشلاپ شتاب ئورگىنىدا خىزمەت قىلغان. 1844 - 1848-يىللىرى پرۇسسىيە ۋەلىئەھدىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1849-يىلى كورپۇس ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. بادېن قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1859 - 1873-يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. بۇ مەزگىلدە 1861 - 1871-يىللىرى دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرلىكىنى قوشۇمچە ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ۋەزىر بولغان مەزگىلدە ئاۋستىرىيە ۋە فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ھازىرلىق قىلىش ئۈچۈن، ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھەربىي تەييارلىقلارنى كېڭەيتىپ، پارلامېنتتا <ئاساسىي قانۇن ماجىراسى> نى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1862-يىلى پرۇسسىيە پادىشاھى ۋىليام Ⅰ ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىسماركنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن. گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۈچ قېتىملىق سۇلالىلەر ئۇرۇشىنى پائال پىلانلىغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان. 1871-يىلى گرافلىق مەرتىۋىسى بېرىلگەن. 1873-يىلى بىسماركنىڭ ئورنىغا پرۇسسىيىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان، كۆپ ئۆتمەي خىزمىتىدىن چېكىنگەن.