Chinese→Uyghur主要词典
柔佛国
دۇنيا تارىخى
جۇھور دۆلىتى
مالايادىكى سۇلتانلىق. خۇجۇڭ دۆلىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1511 - يىلى مالاككا دۆلىتىنىڭ پايتەختى مالاككانى پورتۇگالىيىلىكلەر ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، سۇلتان ماھمۇد مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى جۇھور رايونىغا بېرىپ پاناھلىىپ، جۇھور دۆلىتىنى قۇرغان. ئۇنىڭ دائىرىسى سىنگاپور ئارىلى ۋە رىئانۇ تاقىم ئاراللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پايتەختى بىنتان ئارىلىغا قۇرۇلغان. 1526 - يىلى بىنتان ئارىلىنى پورتۇگالىيىلىكلەر ئىشغال قىلىۋالغان. ماھمۇدنىڭ ئوغلى ئالاۋۇددىن تەختكە چىققاندىن كېيى، 1530-يىلى مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا كونا جۇھورنى يېڭىۋاشتىن قۇرغان. جۇھور دۆلىتى ئۇزاق ۋاقىت مالاي خەلقىغە رەھبەرلىك قىلىپ پورتۇگالىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرغان. 1587 - يىلى كونا جۇھورنى پورتۇگالىيىىكلەر يەنە ئىشغال قىلىۋېلىپ، پايتەختنى باتوساۋارغا كۆچۈرگەن. ⅩⅤⅡ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن كېيىن، گوللاندىيە، ئەنگلىيە كەينى - كەينىدىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1824-يىلى، سىنگاپور ئەنگلىيىگە رەسمىي بۆلۈپ بېرىلگەن. 1914-يىلى، جۇھور ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتكەن.