Uyghur主要词典
روسىيە ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش كومىتېتى
دۇنيا تارىخى
تولۇق ئىسمى <روسىيە ئەكسىلئىنقىلاپچىلار ۋ ئىشنى ئاقساتقۇچىلارنى تازىلاش پەۋقۇلئاددە كومىتېتى>، قىسقارتىلغان ئىسمى <چېكا>. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان دىكتاتۇرا ئورگىنى. 1917-يىلى 12-ئايدا لېنىننىڭ تەشەببۇس ۋە خەلق كومىسسارىياتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان. دزېرژىنىسكىي رەئىس بولغان. يەرلىكتە ئۆلكە، ناھىيە، ترانسپورت، مالىيە ۋە ئارمىيىدىمۇ ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش كومىتېتلىرى قۇرۇلغان. بىر بۆلۈك قوراللىق قوشۇنغا ئىگە بولغان. ئەكسىلئىنقىلابچى، جاسۇس، ئىشنى ئاقساتقۇچىلار ۋە ھايانكەش سودىگەر قاتارلىقلارنى جازالاش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1922-يىلى 2-ئايدا دۆلەت سىياسىي قوغداش ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.