Uyghur主要词典
روشەن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرغان ھالەت.
كۆپچىلىككە ئاياننى كېلىشتۈرۈپ ئېيتىش قىيىن. بولىدىغان ئاشلىق كۆكىدىن مەلۇم. پاكىت تىلىدىن روشەن بولار. ئىش ۋاقتى كەلسە ئايدىڭ بولار ئاسماندىكى يۇلتۇزنى ئېنىق كۆرۈپ، يۈزىدىكى قورۇقنى كۆرەلمەپتۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆز - ئۆزىدىن كۆرۈنۈپ، بىلىنىپ تۇرغان، ئاسان كۆرگىلى، چۈشەنگىلى بولىدىغان.
تۇتۇق، خىرە، گۇڭگا
كۆرۈنۈپ، بىلىنىپ تۇرمايدىغان، ئاسان كۆرگىلى، چۈشەنگىلى بولمايدىغان.
مەقسەت ئېنىق بولسا، تۇرمۇش پارلاق بولار. ئاپتاپ قانچىلىك بولسىمۇ روشەن، بىر پارچە بۇلۇتمۇ يوشۇرىدۇ ئۇنى بەزەن. كۆپچىلىككە ئاياننى كېلىشتۈرۈپ ئېيتماق قىيىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
رەۋ. ئېنىق، ئوچۇق، ئاشكارا.
كۆزۈمگە روشەن كۆرۈنۈۋاتىدۇ.
ئىككىسىنىڭ روشەن پەرقى بار.
سۈپ. ياخشى كۆرىدىغان، ئۆتكۈر (كۆز ھەققىدە).
كۆزى روشەن.