Uyghur←Chinese主要词典
رولان
دۇنيا تارىخى
罗兰
luó lán
(1734 - 1793) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى گىروندىچىلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. نانت قاتارلىق جايلاردا زاۋۇت مۇپەتتىشى بولغان، مول پەننىي ۋە سانائەت بىلىملىرىگە ئىگە بولغان. 1784-يىلى لېئودىكى ھەر قايسىى زاۋۇتلارنىڭ باش مۇپەتتىشى بولغان. 1790-يىلى لېئون شەھەرلىك ھۆكۈمىتىگە كىرگەن ھەمدە بۇ شەھەردە ياكوبىنچىلار كۇلۇبىنى قۇرغان. 1791-يىلى پارىژغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئىككىنچى يىلى گىروندىچىلار ئىچكى كابىنېتنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 10-ئاۋغۇست قوزغىلىڭىدىن كېيىن يەنە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان روبېسپېر ۋە دانتون باشچىلىقىدىكى تاغلىقلارغا كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرۇپ كورولغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشىنى توسۇپ قالماقچى بولغان. كورولغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. 1793-يىلى 6-ئايدا ئىيۇنداگىروندىچىلارنى تازىلىغان چاغدا نورماندىيىگە قېچىپ بارغان، ئايالىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇ ئايالى بىلەن بىرلىكتە<قوي يۇڭى توقۇلما بۇيۇملىرىنى ياساش سەنئىتى>، <پاختا توقۇلما بۇيۇملىرىنى ياساش سەنئىتى>، <تورف قازمىچىلىق تېخنىكىس>ۋە<ئەدەبىياتنىڭ چەت ئۆلكىلەردىكى تەسىرى توغرىسىدا>قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.