Uyghur←Chinese主要词典
روجىكېتونا
دۇنيا تارىخى
泷泽马琴
lóng zé mǎ qín
(1767 - 1848) ياپونىيە ئېدونىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ياشىغان يازغۇچى. ئېدودىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ساموراي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆمرىدە 60 تىن كۆپرەك ھېكايە يازغان. 1814-يىلى (ۋىنخۇانىڭ 11-يىلى) <سۇ بويىدا> غا تەقلىد قىلىپ <جەنۇبتىى باش مىنىستىرنىڭ سەككىز ئاپشاركا ئىتنى كۆرگەنلىكى توغرىسىدا> نى يېزىقشا باشلاپ جەمئىي 28 يىل سەرپ قىلىپ 106 جىلدلىق كىتابنى يېزىپ چىققان ۋە رەھىمدىللىك، دىيانەتلىك، ئەدەبلىك، ئەقىدىلىك، ساداقەتلىك، قەدىردانلىق ھەم ۋاپادارلىقتىن ئىبارەت سەككىز ئەخلاقىي - پەزىلەرنىڭ نامايەندىسى بولغان سەككىز تەقۋادارنى بايان قىلىش ئارقىلىق فېئوداللىق ئەخلاقىي پەزىەلتنى تەرغىپ قىلغان. ياپونىيىنىڭ كېيىنكى ئاممىباب ئەدەبىياتىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن.