Uyghur主要词典
روھىي گۆدەكلىك
پسىخولوگىيە
(ئەقلىي قابىليىتى تولۇق تەرەققىي قىمىغانلىق) بۇ بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، چوڭ مېڭە تەرەققىياتىغا تۈرلۈك سەۋەبلەرنىڭ تەسىر قىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل بىمارلاردا كىچىكىدىنلا ئۆگىنىش ۋە بىلىمىنى ئىشلىتىشلەردە قابىلىيىتى تۆۋەنلىك ئىپادىلىنىدۇ. ھېسىيات ئىنكاسىدىمۇ گۆدەكلىك ئىپادىلىنىدۇ. يېنىكرەكلىرى «تۆۋەن قابىلىيەتلىك » دېيىلسە، ئېغىرلىرى «گومۇش» ياكى «دېۋەڭ» دېيىلىدۇ. دېۋەڭلەرگە باشقىلار ياردەملىشىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنداقلارنى سەۋرىچانلىق بىلەن تەربىيلەشنى ئاساس قىلىپ، زۆرۈر دورىلار بىلەن قوشۇمچە داۋالاش كېرەك. بۇ خىل كېسەللىكنى ئازايتىش ئۈچۈن يېىن تۇغقانلار بىلەن نىكاھلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.