Uyghur←Chinese主要词典
روبېسپېر
دۇنيا تارىخى
罗伯斯比尔
luó bó sī bǐ ěr
(1758 - 1794) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ياكوبىنچىلارنىڭ داھىيىسى. ئادۋوكات ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1781-يىلى ئارتۇئا شەھىرىدە ئادۋوكات بولغان ھەمدە پەلسەپىنى تەتقىق قىلغان. رۇسسوغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1789-يىلى ئارتۇئادىكى ئۈچىنچى تەبىقىنىڭۋەكىلى بولۇپ، ئۈچ تەبىقە يىغىنىغا قاتناشقان. ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت مەزگىلىدە، نۇرغۇن مۇھىم نۇتۇقلارنى ئېلان قىلغانلىقى ۋە بىرمۇنچە دېموكراتىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىكىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ياكوبىن كۇلۇبىنىڭ تەسىرىگە ئىگە رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى مەزەخلىدە گىروندىچىلارنىڭ داھىيىسى برىسسو بىلەن ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش مەسىلىسىدە كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، گىروندىچىلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، شۇ چاغدا ئىنقىلابنىڭ ئاساسىي خەۋپى مەملىكەت ئىچىدىن كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتەن. 1791-يىلى 6-ئايدا لۇئى ⅩⅥ قېچىپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن، روبېسپېر قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىغا كورۇلنى تەختتىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ تەلەپنامە سۇنغان، ئۇ 17-ئىيۇلدىكى مارس مايدانىدىكى ئاممىۋى تەلەپ قويۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى. 1792-يىلى 9-ئايدا مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلانغان، لۇئى ⅩⅥ نى سوت قىلىشقا قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، كورۇلغا دەرھال ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 10-ئاۋغۇست قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ياكوبىنچىلا كۇلۇبى ۋە پارىژ كوممۇنىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ گىروندىچىلارغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان ھەمدە 1793-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋە 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ ۋە رەھبەلرىك قىلىپ، گىروندىچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىسىنى ئورناتقان. 7-ئايدا ۋەتەننى قۇتقۇزۇش كومىتېتىغا كىرىپ، ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىىسنىڭ قۇتقۇزۇش كومىتېتىغا كىرىپ، ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە، روسسونىڭ خەلق ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بۇرژۇئا دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا سىياسىي ئىدىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشقان؛ بىر قىسىم مال - مۈلۈكنى تەقسىم قىلىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئىنقىلابىي تېرورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغاق ويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، مەدەنىيەت ۋە دىن قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىچكى - تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ جۇمھۇرىيەتنى ئاغدۇرۇش سۇيىقەستىنى تارمار قىلىپ، ئىنقىلابنىڭ مېۋىلىرىنى قوغدىغان ھەمدە ئىنقىلابنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرگەن. لېكىن يەرلەرنى ھەقسىز تەقسىم قىلىپ بېرىشكە قارشى تۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سەۋدايىلار، ئەبېرچىلار ۋە دانتونچىلارنى باستۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئىتتىپاققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان. 1794-يىل 7-ئاينىڭ 72ۈنى تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدە قولغا ئېلىنىپ، ئەتىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئەسەرلىرىدىن <روبېسپىر ئەسەرلىرى> (ئون توم) ۋە <روبېسپىر تاللانما ئەسەرلىرى> (ئۈچ توم) قاتارلىقلار بار.