Uyghur←Chinese主要词典
رېنشېن يىللىرىدىكى غەليان
领域: دۇنيا تارىخى壬申之乱
rén shēn zhī luàn
ياپونىيىنىڭ تانكا يېڭىلىقىدىن كېيىنكى بىر قېتىملىق تەخت تالىشىش يۈزىسىدىن كېلىپ چىققان غەليان. مىلادىن 688-يىلى تېنجى تېننۇ ئۇكىسى، شاھزادە ئومىخارانى ۋەلىئەھد قىلىپ بېكىتكەن. لېكىن كېيىن يەنە 671-يىلى ئىگائۇنې خانىكىدىن تۇغۇلغان شاھزادە ئوتومونى نايىپ ۋەزىر قىلىپ بەلگىلىگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي شاھزادە ئومىخارا ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، يشىنو ئوردىسىغا كېلىپ يېتىۋالغان. شۇ يىلى ئاخىرىدا تېنجى تېننو ئۆلۈپ كېتىپ، شاھزاەد ئوتومو تەخت ۋارىسى بولغان ۋە ئۆزىنى خىروخۇمى تېننو دەپ ئاتىغان. 672-يىل (رېنشېن يىلى) 6-ئادا، شاھزادە ئومىخارا يوشىنو ئوردىسىدىن چىقىپ، مىنو (بۈەۈنكى گىفۇ ناھىيىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە) ئارقىلىق چىكائى (بۈگۈنكى شىگا ناھىيىسى) .ئوردىسىغا باستۇرۇپ كېلىپ، 7-ئايدا سېتادا چىكائى ئارمىيىسىنى يەڭگەن. شاھزادە ئوتومو ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شۇ يىلى قىشتا شاھزادە ئومىخارا ئاسۇكا (بۈگۈنكى نارا ناھىيىسى) دە ئوردا سالدۇرۇپ، ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا تەختكە چىقىپ، ئۆزىنى تېنىمۇ تېننو دەپ ئاتىغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。