Uyghur主要词典
رىند
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مەيپەرەس؛ ئەيش - ئىشرەتتىن ئۆزىنى تارتمايدىغان:
بىغەم، بىپەرۋا؛ قورقماس:
11. خۇشا، ئول رىندكىم ئۇمر ئەساسى يوقلۇغىن بىلگەچ،
تەرەب جامىن تەرەننۇم زەۋقى بىرلە دەم - بەدەم چەكتى.
ئەرشى.
2. بادە شىشەگە قولدى، خۇنى دىل بەجۇش ئۇردى،
مۇھتەسىب يېقىن بولدى، رىند بىرلە سۇھبەت تۇت.
زەلىلى.
گۇنبەزى دەستارىدىن قورقۇنمىغىن، ئابىد، مېنى، رىندلەرنىڭ گۈنبەزى دىۋاردىن پەرۋاسى يوق.
مەشھۇر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
نازۇك تەبىئەت، ئالىفتە، ياسانچۇق، بايۋەچچە؛ مەيخور، مەئىشەتپەرەس؛ سالپى، بىپەرۋا، ئېرەنسىز، لاغايلاپ يۈرگۈچى.