Uyghur←Chinese主要词典
رىم ئىتتىپاقچىلىرى
دۇنيا تارىخى
罗马同盟者
luó mǎ tóng méng zhě
ئاساسەن رىم جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى بەزى ئىتالىيە شەھەرلىرى ۋە قەبىلىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگخرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە رىملىقلار ۋېيى ئۇرۇشى، سامنى ئۇرۇشى، پىرروس ئۇرۇشى قاتارلىق ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئىتالىيىنىڭ بىرلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندىغان بويسۇندۇرۇلغان كەڭ رايونلاردىكى شەھەرلەر، شەھەر دۆلەتلىرى ياكى قەبىلىلەرگە، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، ئايرىم ئايرىم مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت <بۆلۈپ ئىدارە قىلىش> سىياسىتىنى قوللانغان. بەزى شەھەرلەر ئاپتونومىيە شەھەرلىرى قىلىنغان ياكى رىم پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىلگەن؛ لېكىن بويسۇندۇرۇلغان كۆپلىگەن ئىتالىيە قەبىلىرى رىم <ئىتتىپاقچىلىرى> دەپ ئاتالغان، ئۇلار ئىچكى قىسىمدا ئۆزىنى ئىدارە قىلسىمۇ، لېكىن رىم پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە دىپلوماتىيە ھوقۇقى بولمىغان، بەلكى رىمنى ياردەمچى قوشۇن ۋە ھەربىي قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەپ، پات - پات خىراج تاپشۇغان، <ئىتتىپاقچىلار> بىلەن رىم ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئاخىر مىلادىدىن ئىلگىرى 91 - 88 يىللاردىكى ئىتتىپاقچىلار ئۇرۇشىغا ئېلىپ كەلگەن، نەتىجىدە كۆپلىگەن ئىتتىپاقچىلار ىم پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، رىملىقلار بىلەن تەدرىجىي قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئىتالىيە چېگرىسىنىڭ سىرتىدىكى رىمغا قاراشلىق بەزى شەھەرلەر ۋە ئىمپېرىيە دەۋرىدە رىم چېگرىسى ئىچىگە كۆچۈپ كىرگەن <ۋارۋارلار> مۇ <ئىتتىپاقچىلار> دەپ ئاتالغان.