Uyghur主要词典
رىم ئىمپرىيىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىش تارىخى
领域: دۇنيا تارىخىغەرب تارىخشۇناسلىقىدىكى داڭلىق ئەسەر. ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس گېببون يازغان. جەمئىي 71 باب، ئالتە توم بولۇپ، 1776 - 1788-يىللىرى ئارقا - ئارقىدىن نەشر قىلىنغان. ئومۇمەن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى تومدىن تۆتىنچى تومغىچە بىرىنچى قىسىم بولۇپ، ئاساسەن، مىلادى 801-يىلدىن 641-يىلغىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان. بەشىنچى، ئالتىنچى تومى ئىكىنچى قىسىم بولۇپ، مىلادى 641 - 1453-يىللىرى ئوسمان تۈركلىرىنىڭ كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلىشى ۋە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيسىنىڭ يوقىلىش دەۋرىدىكى تارىخ بايان قىلىنغان. بۇ مەزمۇنى مول ئومۇمىي تارىخ ھېسابلىنىدۇ. يازغۇچى تارىخنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەسەرنىڭ تۈزۈلۈشىنى پۇختا، تەرتىپنى ئېنىق قىلىپ تۈزۈپ، ئالدىنقىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ مېغىزىنى قوبۇل قىلغان. ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبى نەپىس، ۋەقەلىكنى بايان قىلىشى جانلىق ۋە توغرا، مۇھاكىمىسى دەل جايىدا بلغان. لېكىن مەزمۇنى سىياسىي - ھەربىي ئىشلار تارىخى بىلەنلا چەكلىنپ قېلپ، غەرب ئەنئەنىۋى تارىخشۇناسلىقىنىڭ كونا قېلىپىدىن چىقىپ كېتەلمىگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。