Uyghur←Chinese主要词典
رىم تارىخى
دۇنيا تارىخى
罗马史
luó mǎ shǐ
كىتاب نامى (1) <ئومۇمىي تارىخ> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى يۇنانلىق تارىخشۇناس يولبىينىڭ ئەسىرى. جەمئىي 40 توم. ئاساسەن رىمنىڭ سىرتقا قوراللىق كېڭەيمىچىلىك قىلىش جەريانى بايان قىلىنغان. ئالدىنقى ئىككى تومۇ <مۇقەددىمە> بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق پونىي ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى تارىخ بايان قىلىنغان؛ كېيىنكى 38 تومى ئاساسىي قىسمى بولۇپ، ئىككىنچى قېىتملىق پونىي ئۇرۇشىدىن كارفاگېننىڭ مۇنقەرز بولۇشى ۋە يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ بويسۇندۇرۇلۇشىغىچە، يەنى مىلادىدىن 218 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن مىلادىدىن 146 يىل ئىلگىرىكى ۋاقتىتقىچە بولغان تارىخ خاتىرىلەنگەن. ئۇ ئومۇمىي تارىخ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەسەر.تارىخي ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن؛ تارىخىي ۋەقەلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئىزدەشكە ئۇرۇنغان ھەمدە رىمنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات جەريانى مەخسۇس بابلار ئارقىلىق مۇھاكىمە قىىلنغان. لېكىن ئەدەبىيلىكى ئادەتتىكىدەك بولغاچقا تارقىلىشى كەڭ بولمىغان. ھازىرغىچە بىرىنچى تومىدىن 5-تومىغىچە ۋە بەزى پارچىلىرى ساقلىنىپ قالغان. (2) تولۇق ئاتىلىشى <شەھەربولۇپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى رىم تارىخى>. قەدىمكى رىم تارىخشۇناسى لىۋىيىنىڭ ئەسىرى. جەمئىي 142 توم. ئاپتور 30 ياش ۋاقتىدىن تارتىپ ئەسەرنى يېزىشقا باشلاپ، ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندىلا تاماملاپ بولغان. بۇ كىتاب مىلادى ⅤⅡ ئەسىرگىچە بېجىرىم ساقلانغان، كېيىن ئۇرۇش مالىمانچىلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن كۆپ قىسمى يوقاپ كەتكەن، ھازىرغىچە بىرىنچى تومدىن 10-تومغىچە، 21-تومدىن 45-تومىغىچە جەمئىي 35 توم ۋە بەزى پارچىلىرى ساقلىنىپ قالغان. ىرم شەھىرى قۇرۇلغاندىن (مىلادىدىن 754 يىل ياكى 753 يىل ئىلگىرى) تارتىپ درۇسۇ ئۆلگەنگە قەدەر (مىلادىدىن 9 يىل ئىلگىرى) بولغان مەزگىلدىكى تارىخ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، قەدىمكى زاماندىن ھازىرغىچە ئارىلاشتۇرپ يېزىلغان يەتتە - سەككىز يۈز يىللىق ئومۇمىي تارىخ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىتابتا رىملىقلارنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس، قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئىگىلىك يارىتىش روھى تازا مەدھىيىلىنىپ، كېيىنكىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىلگەن. ئاپتورنىڭ ئۇسلۇبى راۋان، بايان قىلىشى جانلىق بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئەدەبىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئەنگلىيىلىك شائىر بايرون ئۇنى <جانلىق رەسىملەر توپلىمى> دەپ ئاتىغان. گەرچە ئەسەردە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان جفيلار بولىسمۇ، ئەمما قەدىمكى رىم تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىى مۇھىم قەدىمىي كىتاب ھېسابلىنىدۇ. (3) مىلادى Ⅱ ئەسىردە ئۆتكەن قەدىمكى رىم تارىخشۇناسى ئاپپىئان يازغان كىتاب. جەمئىي 24 توم. يۇنان يېزىقىدا يېزىلغان. رىمنىڭ <پادىشالھىق دەۋرى> دىن باشلاپ، مىلادى G ئەسىرنىڭ باشلىرى ترايان تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىگىچە بولغان 900 يىلغا يېقىن تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قەدىمكى رىمنىڭ ئومۇمىي تارىخى ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە ئىسپانىيە تارىخى، گاننىبال ئۇرۇشى تارىخى، پونىي ئۇرۇشى تارىخى، ئىللىرىيە تارىخى، سۈرىيە تارىخى، مىترىدات ئۇرۇشى تارىخى ۋە ئىچكى ئۇرۇش تارىخى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 تومى ساقلىنىپ قالغان. باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈزگەن كىتابلىرىنىڭ بىر قانچە مۇھىم پارچىلىرى تېغىچە ساقلانغان. باشتىن - ئاياغ بايان قىلىش ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، مەلۇم بر دۆلەت ياكى مەلۇم بىر چوڭ ۋەقەنى تېما قىلىپ، ئۇنى باشتىن - ئاخىر بايان قىلغان. ئاپتور تارىخىي ۋەقە يۈز بېرىشتىكى ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئارقا كۆرۈنۈشنى تەكشۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، يەر مەسىلىسى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي سەۋەب ئىكەنلىكىنى تو را كۆرسەتكەن. بۇ كىتاب يەنە يوقىلىپ كەتكەن بىرمۇنچىلىغان ئەسەرلەرنى ساقلاپ قالغان. بۇ كىتاب قەدىمكى رىم تارىخىي تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بار.